رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 521 قېتىم كۈرۈلدى
ئاقسۇ ، خوتەن ، قۇمۇل قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ئۈچ قېتىملىق زوراۋان–تېررورلۇق جىنايى دېلوسىغا ئۇچۇق ھۆكۈم ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقسۇدىكى ‹‹19 – ئاۋغۇست›› پارتلىتىش دېلوسى، خوتەندىكى ‹‹2 – نويابىر›› قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى، قۇمۇلدىكى ‹‹29 – سېنتەبىر›› قورال بىلەن بىگۇناھ ئاممىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى تۆت جاۋابكارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى .

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغاقاراپ چىقىپ ، 2010 – يىل 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سائەت 9دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە ئەخمەت مەمەت بىلەن غوپۇرسەمەت ، تۇرغۇن تۇردى ، ئابدۇللا تۇنىياز، ياسىن قادىر قاتارلىقلارنىڭ ئېلېكتىروموبىل ھەيدەپ ئاقسۇ شەھىرىدىن قاراتال بازىرىغا تۇتۇشىدىغان يولئېغىزىغا كەلگەندە، ئابدۇللا تۇنىياز (پارتلىتىش بۇيۇمىنى قانۇنسىز ياساش ھەم پارتلىتىشنى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى)، ياسىن قادىرنىڭ ئېلېكتىروموبىلىدىن چۈشۈپ ئەھۋالنى كۆزەتكەنلىكىنى، جاۋابكار تۇرغۇن تۇردىنىڭئېلېكتىروموبىلنى ھەيدەپ ئەخمەت مەمەت، غوپۇر سەمەت بىلەن بىللە، قانۇنسىز ياسىغانپارتىلىتىش بۇيۇمىنىيىغىلىپ رەتكە تىزىلىۋاتقان ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا توغۇرلاپ پارتلىتىپ، نەق مەيداندا ئاxx قاتارلىق ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى ھەم تxxقاتارلىق بىگۇناھ ئۈچ كىشىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئامما بولۇپ 15 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، 1مىليون 409 مىڭ يۈەنئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى؛ جىنايەتچى ئەخمەت مەمەت بىلەن غوپۇر سەمەتنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكىنى، تۇرغۇن تۇردىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى، جاۋابكار ئابدۇللا تۇنىياز،ياسىن قادىرنىڭ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ 2010 – يىل 8 – ئاينىڭ22 – كۈنى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇنسىز پارتلىتىش بۇيۇمى ياساش جىنايىتى، پارتلىتىش جىنايىتىنىبىرلەشتۈرۈپ جاۋابكار تۇرغۇن تۇردى، ئابدۇللا تۇنىيازغا ئۆلۈمجازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ياسىن قادىر، ئەخمەت قۇربان(قانۇنسىز پارتلىتىش بۇيۇمى ياساشنى ئاساسلىق پىلانلىغۇچى)غا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ھۆكۈمنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدېلوغا قاراپ چىقىپ،2010 – يىل 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاۋابكار ئاقنىياز نۇرنىڭ شېرىكى بىلەن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ خوتەن شەھىرى ‹‹ئىتتىپاق›› مەيدانىنىڭ شىمالىدىكى ئۈچ كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە،قاتناش ساقچىسى ئۇلارنى توسۇپ تەكشۈرمەكچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلنى توختاتماي قاتناش ساقچىلىرىغا ھەمكارلاشقۇچىھ xx نى سوقۇۋېتىپ قاچقانلىقىنى، قاتناش ساقچىلىرىغا ھەمكارلاشقۇچى ت xx قوغلاپ ئۇلارغا يېتىشىۋالغاندا، ئاقنىياز نۇرنىڭ ت xx كە 29 پىچاق تىققانلىقىنى، ت xx نىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكىنى؛ شۇ يىل 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ساقچى ئە xx نىڭ خوتەن شەھىرى مىللىي تېبابەت كوچىسىدا ئاقنىياز نۇرنىبايقاپ قالغاندا، ئاقنىياز نۇرنىڭ پىچاق ۋە پالتا بىلەن ئە xxنىڭ بېشى، يۈزى، كۆكرىكىگە تىقىپ، چېپىپ،ئە xx نى يارىلاندۇرغانلىقىنى، كېيىن ئاقنىياز نۇرنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۆزىنى توسۇماقچى بولغان م xx نى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قەستەنئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار ئاقنىياز نۇرغا ئۆلۈمجازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاپتونومرايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ھۆكۈمنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

  قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىقىپ، 2010 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سەھەر سائەت 3تىن ئاشقاندا، ئابدۇقېييۇم ئابدۇراخماننىڭ ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر يېزىسى بۇلاق كەنتى 4 – ئەترىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ۋاڭ xx نىڭ يول بويىغا توختىتىپ قويغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزى ياسىۋالغان قورال بىلەن ۋاڭ xx نىڭ بېشىغائاتقانلىقىنى، ۋاڭ xx نىڭ بېشى ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى،2010 – يىل 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى سەھەردە ئابدۇقېييۇم ئابدۇراخماننىڭ ئاپتوموبىلنىھەيدەپ قۇمۇل شەھىرىشاڭياڭ يولىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىر تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تاللا بازىرىغا كىرىپ ئۆزى ياسىۋالغان قورال بىلەن جاڭxx نىڭ بېشىغا ئاتقانلىقىنى، جاڭ xx نىڭ بېشى ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

  قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇراخەلق سوت مەھكىمىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار ئابدۇقېييۇم ئابدۇراخمانغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەتمەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قايتا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ھۆكۈمنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش