رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 442 قېتىم كۈرۈلدى
ج ك پ شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى1–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11–ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئۆتكۈز ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ چياڭ 21 – فېۋرال جك پ شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى 1 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە قىسىمى ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت نۇقتىلىق خىزمەت›› نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.

  فۇ چياڭ ئەجەللىك زەربە بېرىش ۋە تۈزەش كۈرىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى، چېگرا بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ۋە تېررورلۇققا زەربەبېرىش بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ‹‹قوش بۇرچ›› نى ئادا قىلىشئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى؛ بارلىق جخ چېگرا مۇداپىئە كوماندىر – جەڭچىلىرىدىن ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەتتە ساقلانغان زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ چىقىرىپ، چېگرارايوننىڭ ئىجتىمائىيتەرتىپى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى؛ جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوندىكى كۆچمە نوپۇسنى تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئامانلىقى ناچار نۇقتىلارنى تۈزەپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ئومۇمىيىتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى؛ قانۇننى ئادىل، پاك ئىجرا قىلىشنىئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغداش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.( سۈي يۈنيەن خەۋىرى)
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش