نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 664 قېتىم كۈرۈلدى
پارژدىكى بىر ئالما دۇكىنى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى
رۇسىيە خەۋەر تورى خەۋىرى، سالاھىيتى نامەلۇم بىر توپ ئادەم يېڭى يىل ھارپىسىدا فىرانسىيە پارژ شەھىرى شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئالما ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى پارچە سېتىش دۇكىنىغا كىرىپ، بىر مىلىيون ياۋرو(تەخمىنەن سەككىز مىلىيون 260مىڭ يۈەن) قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى بۇلاپ كەتكەن.
بۇ ۋەقە شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 21لەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا تۆت نەپەر جىنايەتچى پارژ شەھەر مەركىزىدىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بۆسۈپ كىرگەن، بۇ دۇكان شۇ كۈنى 18لەردىلا ئىشىكنى تاقىغان بولغاچقا، دۇكاندا بىرلا خادىم قالغان. تۆت نەپەر ئەر خىزمەتچىنى ئاسانلا كونتىرول قىلغاندىن كېيىن، دۇكان ئالدىغا توختىتىپ قويغان يۈك ماشىنىسىغا بۇلىغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى بېسىپ قېچىپ كەتكەن.
شۇ يەر ساقچىلىرى نۆۋەتتە بۇ ئىشنى تەكشۈرىۋاتقان. پۈتۈن فىرانسىيەدە جەمئىي 15 ئالما دۇكىنى بار، بۇلارنىڭ ئىچدە ئەڭ چوڭ ئىككى دۇكان پارژ شەھەر مەركىزىدە.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش