نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1238 قېتىم كۈرۈلدى
گىرمانىيە باغچىسىدىكى «داۋاز شاھى» دەپ نام ئالغان شىمپەنزە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : photo.huanqiu.com

 

Www.AnAdiyar.Cn

داۋاز مېڭىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ ناھايىتى تەستە ماڭالايدۇ، لېكىن گىرمانىيەدىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدا مۇشۇنداق ماھارەتلىك بىر شىمپەنزە بار، ئۇنىڭ ھەجىمىمۇ يوغان بولۇپ، كىدوگو ئىسىملىك بۇ شىمپەنزە شۇنداقتىمۇ بۇ ماھارەتنى ئىگەللىۋالغان ھەمدە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى داڭلىق «داۋاز شاھى»بولغان.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرى، كۈمۈش رەڭلىك بۇ شىمپەنزە بۇ يىل 12ياشقا كىرگەن بولۇپ، باغچىدىكى بىر چىشى شىمپەنزە تۇغماس بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ شىمپەنزىنى دانىيەدىن ئەكەلدۈرگەن، لېكىن گىرمانىيە باغچىسىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ جىمغۇرلىشىپ، دانىيەدىكى باغچىنى سېغىنغاندەك قىلغان، ھېچقانداق بىر ئىشقا قىزىقمىغان يەنە كېلىپ مۇھىتقىمۇ ماسلىشالمىغان.
ئۇنى قىزغىن ھەم تېتىك قىلىش ئۈچۈن، باغچا خادىملىرى ئۇنىڭ پائالىيەت رايونىغا بىر پولات سىمنى تارتىپ بەرگەن، ئويلاپ باقمىغان يەردىن شىمپەنزە يامىشىپ چىقىپ، ئۈستىدە ئاستا ماڭغان، بۇنىڭدىن باغچا خادىملىرى ھەيران قالغان. شىمپەنزىمۇ تېتىكلىشىپ، مۇھىتقا كۆنۈپ قالغان.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش