رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 446 قېتىم كۈرۈلدى
بۇ يىل شىنجاڭ 16 خىل تەدبىر قوللىنىپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 280 مىڭ ئىستۇدېنتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

بۇ يىل شىنجاڭ 16 خىل تەدبىر قوللىنىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 280 مىڭ ئىستۇدېنتنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەدبىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە ، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانى بولۇپ ، نۆۋەتتە بۇ خىزمەت ھەر قايسى جايلاردا پائال قانات يايدۇرۇلىۋېتىپتۇ .

  نۆۋەتتە ، خوتەن ۋىلايتىىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تۈنجى تۈركۈمدىكى 369 مىللىي ئوقۇغۇچى 7 كۈنلۈك ھەربىي مەشىقنى باشلىغان بولۇپ ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلاتبۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋېي كوڭۋېن بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن : ‹‹ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغا ئۆلكە ، شەھەرلەر بۇ خىزمەتنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى . بېيجىڭ شەھىرىبۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، 6 ئالىي مەكتەپنى تەربىيەلەش ئورنى قىلىپ بېكىتتى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ ، بۇ بالىلارنىڭ 28 ــ فېۋرال بېيجىڭغا بېرىپلا تەربىيەلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگەقىلدى ›› .

  يېزىقچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ، ھەربىيمەشىقتىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتى 2002 - يىلدىن ھازىرغىچە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان بىر مىڭ 476 ئىستۇدېنتنى شەندۇڭغا بېرىپ تەربىيەلىنىشكە تاللىدى . ئىستۇدېنتلار بۇ جەرياندا ئۆز ئارزۇسى بويىچە كەسىپ تاللايدىغان بولۇپ ، ئابدۇرېھىم موھىدىن تاماق ، ياتاقنىڭ ھەقسىز ، خىزمەت ئىستاژىنىڭ ھېسابلىنىدىغانلىقى ، ئايدا يەنە 500 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ، ئۇ مۇنداق دېدى : ‹‹ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىياسىتى بەك ياخشى ، بىزگە نۇرغۇن ئەمەلىي نەپلەرنى ئېلىپ كەلدى ، بۇقېتىم مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئىمتېھاندىن ئۆتتى.مەن شەندۇڭغا تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت ــ ماكانىنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› .

  ئىلى ئوبلاستى تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىش قائىدىسىنى تەپسىلىي تۈزۈپ ، تاللاشتا ئاشكارە ، ئادىل بولۇش ،رىقابەتلەشتۈرۈپ ياخشىسىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ ، جەمئىيەتتىن ئاشكارە تاللاش ئېلىپ باردى . دەسلەپكى تاللاشتا ئۈچ مىڭ 500 ئىستۇدېنت تاللاندى . گاۋ شياۋچېڭ بۇ قېتىملىق پۇرسەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىزلىكىنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم ، مەن چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، يۇرتۇمغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن ››.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش