نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 818 قېتىم كۈرۈلدى
«بازا» تەشكىلاتى زور ئىنئام بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ يەمەندىكى باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرمەكچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.163.com

«بازا» تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى تارماق تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى

جۇڭگو رادىئو تورى 2 – يانۋار خەۋىرى: جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزىي رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» دىكى خەۋەرگە قارىغاندا، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى تارماق تەشكىلاتى يېقىندىن بۇيان تاراتقۇلار ئارقىلىق مۇنداق جاكارلىغان، ئەگەر كىمدەكىم ئامېرىكىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياكى يەمەندە تۇرۇشلۇق بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرەلىسە، «بازا» تەشكىلاتى شۇ كىشىگە قاتتىق تارتۇقلايدۇ.
«بازا» تەشكىلاتى 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئۆزىنىڭ تاراتقۇسى «مالاھ فوند جەمئىيىتى» دە بىر بۆلەك ئاۋاز لېنتىسى تارقاتقان، ھەمدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان تورلاردا مۇنداق تېما يوللىغان، ئامېرىكىنىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە ئۈچ كىلوگرام سېرىق ئالتۇن (قىممىتى 160 مىڭ دوللار) سۆيۈنچە بېرىلىدۇ. بۇندىن باشقا، بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئۆلتۈرەلىسە بەش مىليون يەمەن پۇلى (تەخمىنەن 145 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بىراق، «بازا» تەشكىلاتى بۇ مۇكاپاتقا قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان، ئەمما سۆيۈنچىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئالتە ئاي، دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن.
بۇ تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى، بۇ مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىش، «ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ غازات ئۇرۇشىنى قوزغىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن». ئامېرىكىنىڭ سانئادىكى باش ئەلچىسى بۇ خەۋەرلەر توغرىسىدا ھىچقانداق سۆز قىلمىدى.
ئامېرىكىنىڭ ھازىر يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گىلارد فېيئېسىتەن، 2010 –يىل 9 – ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. بۇ يىل 10 – ئايدا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر يەمەنلىك ئەمەلدار كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئامېرىكا ئىزچىل مۇنداق قاراپ كەلدى، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى شۆبە تەشكىلاتى – مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەشكىلاتى. بۇلتۇر، يەمەندە زور كۆلەمدە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى پارتىلىدى، نەتىجىدە سابىق زوڭتوڭ تەختتىن چۈشۈپ، «بازا» تەشكىلاتى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھۇجۇم قوزغىدى. 30 –چىسلا ئەتىگەندە، يەمەننىڭ پايتەختى سانئادا، ئىككى نەپەر ئاخباراتچى خادىم ئىشخانا بىناسىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، موتوسىكلىت مىنىۋالغان قاتىللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى.
يەمەن ئەمەلدارى مۇنداق دىدى، دائىرىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق ئاخبارات خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. بۇلتۇر، بىرقانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار خادىمى ۋە ئاخباراتچى خادىملار موتوسىكلىتلىق مەرگەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلۈپ كەتتى. ھۆكۈمەت «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بۇ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش