نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 316 قېتىم كۈرۈلدى
بىر قىسىم يېمەكلىك مايلىرىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرى  دۆلەتلىك سۈپەت نازارەتچىلىك كارانتىن باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە، يېمەكلىك مايلىرى، گۆش مەھسۇلاتلىرى، قورۇلغان شاكاللىق يىمەكلىكلەر قاتارلىق 28 خىل ئىستېمال بويۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. «دوڭبېيچۈن» ماركىلق بېنزول پۇرچاق مېيى، «باچى» ماركىلىق پۇرچاق مېيى، «خوڭيىڭ» ماركىلىق «لاۋنەينەي» خۇاسىڭ مېغىزى قاتارلىقلارمەھسۇلاتلاردا بېنزو ئا پرىن(苯并a芘) ۋە ئافلاتوكسىن(黄曲霉毒素B1) ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار راكنى پەيدا قىلىدىغان ماددىلارغا تەۋە ئىكەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن2686 خىل مەھسۇلات ئىچىدە 263 خىل مەھسۇلات لاياقەتسىز بولغان.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، سۈپەت نازارەتچىلىك كارانتېن باش ئىدارىسى كۈندىلىك ئىستېمال بويۇملىرى، بىناكارلىق ۋە زىننەتلەش ماتىرىياللىرى، يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق 28 تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى، دۆلەتلىك سۈپەت نازارەت ئۆلچىمى بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرگەن، جەمئىي 2615 كارخانا ئىشلەپچىقارغان 2686 خىل مەھسۇلاتلار ئىچىدە، 263 خىل مەھسۇلات لاياقەتسىز بولۇپ چىققان.
يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان 11 خىل ماي پېروكسىد قىممىتى، كىسلاتا قىممىتى، بېنزو ئا پرىن قاتارلىق تۈرلەردە لاياقەتسىز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جىلىن شەھەرلىك ئاشلىق ماي سانائەت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «دوڭبېيچۈن» بېنزولۇق پۇرچاق مېيى(بەش لىتىرلىق) ۋە خېيلوڭجياڭ باچى ئاشلىق-ماي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «باچى» ماركىلىق پۇرچاق مېيى(1.2 لىتىرلىق)دا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بېنزو ئا پرىن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۆلچەنگەن ئەمىلي قىممىتى ئۆلچەمدىكى قىممەتتىن ئىككى ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىگىچە ئارتۇق چىققان. بېنزو ئا پرىن ئادەمنىڭ كۆزى، تېرىسىنى غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارغا كىرىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش