نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 425 قېتىم كۈرۈلدى
ئىران ھەربىي مانىۋىرىدا ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسىم دېڭىز ساھىلى ياكى ئوچۇق دېڭىزدا ھەربىي مانىۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىران دېڭىز ئارمىيىسى 1-يانۋار بىر دانە نۇر ناملىق ئاۋىئاماتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بىر دانە قادىر ناملىق يەر يۈزى ئاۋىئاماتكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن.
ئىران ئىسلام ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: شۇ كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆتكۈزۈلگەن سىناقتا، ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بەلگىلەنگەن نىشانغا تەككەن. ئەمما خەۋەردە سىناق قىلىپ ئىتىلغان كونكرىت ئورۇن تىلغا ئېلىنمىغان. ئىران دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى ئامىر راستىكال مۇنۇلارنى كۈچلۈك تەكىتلىگەن: بۇ ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىران مۇتەخەسىسلىرى لايىھىلەپ ئۆزگەرتكەن دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار.
ئىگىلىنىشىچە، بۇرۇنقى نۇر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى 40 كىلومېتىر بولۇپ، بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق نۆۋەتتە مۇساپىسى 170 كىلومېتىر ئەتراپىغا يەتكۈزۈلگەن. ئىران نۇر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ مۇساپىسىنى 300 كىلومېتىرغا، قادىر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسىنى 200 كىلومېتىرغا يەتكۈزمەكچى.
ئىران دېڭىز ئارمىيىسى 2012-يىلى 28-دېكابىر جەنۇبىي قىسىم دېڭىز ساھىلى ۋە ئوچۇق دېڭىزدا قوغدىغۇچى 91 ناملىق ھەربىي ئىشلار مانىۋىرى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. مانىۋىرنىڭ مۇددىتى ئالتە كۈن بولۇپ، ئامان قولتۇقى، ھورمۇس دېڭىز بوغۇزى، شىمالىي ھىندى ئوكيان، ئادىن قولتۇقى قاتارلىق سۇ رايونلىرىنى قاپلايدۇ.
      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش