نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 119 قېتىم كۈرۈلدى
تۈركىيىلىك 15 ياشلىق قىز تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2013-01 -02
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

ئەسلى تېمىسى: تۈركىيىدىكى 15 ياشلىق قىزچاق شىرەم ئاغىلىرى تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىپ ھامىلىدار بولۇپ قالغان
خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى» 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە ئانالدو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتنى ئۇلاپ تارقاتقان بولۇپ، يېقىندا تۈركىيىدىكى 15 ياشلىق قىزچاق ئىككى شىرەم ئاغىلىرى تەرىپىدىن نۆۋەتلىشىپ ئاياغ ئاستى قىلىنىپ ھامىلىدار بولۇپ قالغان.
ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قىزنىڭ ئىسمى خەدىسە بولۇپ، 13 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا زورلۇق بىلەن ياتلىق قىلىنىپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ ئائىلە زوراۋانلىقى تۈپەيلى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىۋالغان. كىم ئويلىغان، خەدىسە ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، شىرەم تۇغقانلىرى تەرىپىدىن نۆۋەتلىشىپ زورلۇق قىلىنغان، ھەمدە بويدا قالغان. تەخمىنەن ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا، خەدىسەنىڭ ئۆيدىكىلەر مەسلىھەت قىلىشىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قارار قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى دەرياغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋەتكەن.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىشىچە، خەدىسەنىڭ جەسىتى بايقالغان چاغدا، جەسەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى بۇيىچە دەپنە قىلىنمىغان، بەلكى بىر دانە خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىۋېتىلگەن. يەكشەنبە، نەچچە يۈز تۈركىيىلىك ئامما كېلىپ بۇ ئەھۋالغا قاتتىق قارشى تۇرغان، ھەمدە خەدىسەنىڭ مېيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.
تۈركىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئاساسلانغاندا، خەدىسە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەتتە گۇماندار تۇتۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئىككى شىرەم تۇغقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دادىسى بار ئىكەن

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش