نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 600 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكا خەلقى قۇرال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالىمايدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى، ئامېرىكا داڭلىق خەلق رايىنى سىناش ئورگىنى گاللۇپ شىركىتى (Gallup) 19-چىسلا يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكىلاتتىن ئايان بولىشىچە، قۇرال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە قارىتا كۆپ قىسىم ئامېرىكا پۇقراسى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتىدىكەن. مەكتەپلەردىكى قۇراللىق پاجىئە ۋەقەلىرىنى قانداق قىلىپ ئازايتىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا خەلقى قۇرال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لاھىيىسىنىڭ دەل ئەكسىچە مەكتەپ ساقچىلىرىنى كۆپەيتىش، ھۆكۈمەتنىڭ پىسخىكا تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى ۋە پىسخىكا داۋالاش ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنلاردىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە قۇرال ئىشلىتىش بۆلەكلىرىنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشنى بەكرەك خالايدىكەن.
ئامېرىكا كوننېكتىكات شىتاتى سەندى خۇك باشلانغۇچ مەكتىپى (Sandy Hook Elementary School) دە يۈز بەرگەن قۇراللىق ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى پۈتۈن ئامېرىكىدا قۇرال باشقۇرۇش ۋە قۇرال ئىشلىتىشنى چەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشنى ۋە شۇنداقلا غۇل-غۇلا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىن ئايان بولىشىچە، ھوجۇم قىلىش خاراكتىرلىك قۇرال ۋە يېرىم ئاپتۇماتىك قۇرال سېتىشنى چەكلەش تەدبىرىگە قارىتا قوللاش نىسبىتى ئارانلا 40% كە يەتكەن، يەنى كۆپ ساندىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.
گاللۇپ شىركىتى 18-چىسلا 18 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئارىسىدا مەزكۇر خەلق رايىنى سىناش سىنىقىنى ئېلىپ بارغان، يەنى ئامېرىكا كوننېكتىكات شىتاتى سەندى خۇك باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن قۇراللىق ھوجۇم قىلىش ۋەقەسى قارىتا ئالتە خىل ھەل قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، مەكتەپ ساقچىلىرىنى كۆپەيتىش تەدبىرىنى قوللاش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ قوللاش نىسبىتى 53% ئىكەن، ئىككىنچى قاتاردىكىسى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ پىسخىكا تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى ۋە پىسخىكا داۋالاش ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى تەدبىرى بولۇپ، قوللىغۇچىلار سانى 50% ئىكەن. تېلېۋىزيە فىلىمى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ئىلىكتىرونلۇق ئۇيۇنلاردىكى زوراۋانلىق قىلمىش بۆلىكىنى ئازايتىش تەدبىرىنى قوللاش نىسبىتى 47%، بۇلاردىن كىيىن قالغىنى بولسا ھوجۇم قىلىش خاراكتىرلىك قۇرال ۋە يېرىم ئاپتۇماتىك قۇرال سېتىشنى چەكلەش تەدبىرىگە قارىتا قوللاش نىسبىتى ئارانلا 42% كە يەتكەن، مەكتەپتە ئاز دېگەندە بىر نەپەر خادىمغا قۇرال سەپلەپ بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرىنىڭ قوللاش نىسبىتى 34%، ئاخپارات ۋاستىلىرىدا قۇراللىق ھوجۇم قىلغۇچى جىنايەتچىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىماسلىق تەدبىرى بولسا جەمئىي 27% ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
گاللۇپ شىركىتى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قۇرال باشقۇرۇشقا نىسبەتەن كۆپلىگەن ئامېرىكا پۇقرالىرى يەنىلا گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىدە ئىكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش