نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 321 قېتىم كۈرۈلدى
ئوباما دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم يىللىق شەخىس بولۇپ باھالاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn


كىم جۇڭئون دەۋىر يىللىق شەخىسلەر تىزىملىكىگە كىرەلمىدى

ئامېرىكا دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى 2012-يىللىق شەخىسلەرنى ئىلان قىلدى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 2012-يىللىق شەخىس بولۇپ باھالاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ نامغا ئىككىنچى قېتىم ئېرىشىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 2008-يىلى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا غەلبە قىلغان ئوباما تۈنجى قېتىم دەۋىر ژورنىلى باھالىغان 2008-يىللىق شەخىس بولۇپ سايلانغان.
ئوباما بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلىپ ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلاندى، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى يەنە تۆت يىل بولىدۇ.
دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى تەھرىراتى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا غايەت زور مەدەنىيەت ۋە نوپۇس قۇرۇلما ئۆزگىرىشىگە دۈچ كېلىۋاتقان پەيىتتە ئوباما بۇ ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل دەۋىر ژورنىلىغا چىققان يىللىق شەخىسلەر نامزاتىدىن جەمئىي سەككىز كىشى بولۇپ، بۇلار ئوبامادىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون، مىسىر زۇڭتۇڭى مورشى، ياخۇنىڭ لېدىرى مالىشا مىيىر، ئالما شىركىتىنىڭ لېدىرى دېم كوك شۇنداقلا شىگىس بوزۇننى ئوتتۇرغا قويغۇچى شىگىس قاتارلىقلارمۇ بار.
بۇندىن ئىلگىرى دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى 2012-يىللىق داڭلىق شەخىسلەرنى ئوقۇرمەنلەر سايلاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان ئىدى، نەتىجىدە چاۋشىيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇئون 5 مىليۇندىن ئارتۇ بېلەت سانى بىلەن دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى شەخىسلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى.
گەرچە يىللىق داڭلىق شەخىسلەرنى دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى تەھرىرلەپ بېكىتىدىغان بولسىمۇ ئەمما كىم جۇڭئون ئاخىرىدا يەنىلا نامزاتلار تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش