رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 438 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدا ئورگانلاردىكى ناچار ئىستىلغا قەتئىي چەك قويۇلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 16 –فېۋرال مەمۇرىي ئورگانلار ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئورگانلار ئۈنۈمىنى باھالاشنىيولغا قويۇش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)›› مۇ يولغا قويۇلدى، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئورگانلارنى باھالاش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتا تەتبىقلىنىدىغان بىر قاتار ئۆلچەملەشكەن، كونكرېت باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى بارلىققا كەلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن، ئورگان ئىستىلىنىڭ ياخشى – يامانلىقى، خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى، مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ رازى بولغان – بولمىغانلىقىنى باھالاشتا كونكرېت ‹‹نومۇرقويۇش ئۆلچىمى›› باربولدى.

  يىغىندا، يىل بېشىدا ئاپتونوم رايون مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتا، ئومۇمىي باھالاش ۋە تۈرلەربويىچە باھالاشتا ‹‹ياخشى›› ئاۋازىغا ئېرىشىش نىسبىتى % 50 كەيەتمىگەن ھەم پىكىر ئېلىشتا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە بىر قەدەركۆپ بولغان توققۇز باشقارما – ئىشخانا ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەندى، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان ئالتە باشقارما – ئىشخانىنىڭ مەسئۇللىرى ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ۋە ئىشئورنىنى ئالماشتۇرۇشقاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەڭشەلدى، 12باشقارما – ئىشخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تەنبىھ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايون ئورگانلاردىكى ‹‹ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك، نەپسانىيەتچىلىك›› ھادىسىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ‹‹يامۇل››ئىستىلىغا ‹‹شەمشەر چىقاردى››! ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بويىچە ناچارئىستىللارنى تۈزەش كۈرىشى باشلاندى.

  «شىنجاڭ ئۈنۈمى» نى ئەمەلدە كۆرسىتىش

  «ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىيئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نىڭ يولغا قويۇلۇشى «شىنجاڭ ئۈنۈمى» نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

  2010 – يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەنئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شاڭخەي، جېجياڭ ۋە نىڭشيا، ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشتە بولدى، 2011 – يىلى 19 – يانۋاردىن 22 – يانۋارغىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرلىكھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) لەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھرىدە ‹‹ھۆكۈمەت ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئازادە مۇھىت يارىتىش›› باش تېما قىلىنغان مەخسۇس تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشتە بولدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم،ھۆكۈمەتنىڭ ئىدىيەدەئازاد بولۇش، قاراشنى يېڭىلاشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈچىنچى قېتىملىق زور تەدبىرى. دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوندىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەم بۇنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ،مەمۇرىي باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇپچىقىشنى قارار قىلدى. ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنىڭ جىددىي تەلىپى

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى ئورگانلارنىڭ ئىستىل، ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تەكشۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئوبيېكتىلىرىنىڭ ئورگانلارنىڭ بوسۇغىسى داۋان، ئىشى بىراۋان، ھالىيوغان، قاپىقى يامان؛ تەستىقلاشقا سۇنۇلغان ھۆججەتلەرنىڭ يېرىم يىلغىچە دېرىكىنى ئالغىلى بولمايدۇ؛ ھەتتا بەزىدە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، پايدا بەرمىسە، ئىش بېجىرىپ بەرمەيدۇ...، دېگەن ئىنكاس كۈچلۈك بولدى.

  جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹يېڭى ۋەزىيەت، يېڭىۋەزىپە ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ،ئىككى تارىخىي ۋەزىپىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇكۈچەيتىش كېرەك!››

  16 – فېۋرال ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئاپتونومرايونلۇق پارتكومنىڭمۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: يىل بېشىدىكى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونئامما ئىنكاس قىلغانمەسىلىلەر بىر قەدەركۆپ بولغان ئالتە باشقارما – ئىشخانا مەسئۇللىرىنى تەڭشىدى، بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭقۇرۇق گەپ قىلمايۋاتقانلىقىنى، ‹‹يامۇل››ئىستىلىغا قارشى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ باھالاش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگان ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ خىزمەتنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مەخسۇس مەمۇرىي ئورگانلار ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن،دەرھال ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئورگانلار ئۈنۈمىنى باھالاشنى يولغا قويۇش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)›› نى تارقاتتى.

  تۈنجى قېتىملىق ئۈنۈم باھالاش دائىرىسىگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەركىبىدىكى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار ۋە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتقان مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار كىرگۈزۈلدى. ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ئادەتتىكىلىرىنى تۈزەش، ناچارلىرىنى جازالاش پىرىنسىپى بويىچە، مۇناسىپمۇكاپاتلاش، جازالاشمېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش››، يەنى، باھالاش نەتىجىسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنىكۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش، باھالاش نەتىجىسى بىلەن مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، باھالاش نەتىجىسى بىلەن مۇنەۋۋەر، ئىلغارلارنى باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.باھالاش مەزمۇنى فۇنكسىيە – مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش،ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  باھالاش خىزمىتىدە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، قەدەم باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۆز– ئۆزىنى باھالاش، مەركەزلىك باھالاش، ئامما باھالاش، رەھبەرلەر باھا بېرىش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش، ئەرز قىلىنغانلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلدى. باھالاشتا ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ياخشى، لاياقەتلىك، ناچارراق دېگەن ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالاش نەتىجىسى بېكىتىلدى. باھالاش نەتىجىسى شۇ تارماقتىكى كادىرلارنى ۋەزىپىگە قويۇش، ئىلغارلارنى باھالاش بىلەن بىۋاسىتەبىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىلغار بولۇپ باھالانغان تارماقلار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى، ناچارراق دەپ باھالانغان تارماقلار تەرتىپكە سېلىش، تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى ھەم ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا تەنبىھ سۆھبىتىئۆتكۈزۈش، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، مەمۇرىي دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە خىزمىتىدىن بوشىتىش قاتارلىق چارىلەر كۆرۈلدى.

  بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتاباھالاش نەتىجىسى بىرقەدەر ناچار بولغان،ئاممىنىڭ رازى بولۇشنىسبىتى تۆۋەن بولغانلارغا بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەنگەن توققۇز ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىغا جازا بەرگەندەكجازا بېرىلىدۇ ياكى تېخىمۇ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

  ئۈنۈمنى باھالاش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن،بۇ يىلدىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2 – ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر يولغا قويۇلۇپ، سەپەرۋەرلىك قىلىنىپ، خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 3 – ئايدىن 10 – ئايغىچە 2 – باسقۇچلۇق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باھالاش، مۇھىم خىزمەتلەر بويىچە ئۆز – ئۆزىنى باھالاش، دېموكراتىك باھالاش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 11 – ئايدا 3 – باسقۇچلۇق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، مەركەزلىك باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاساسلىقى تەجرىبىلەر ئەستايىدىل خۇلاسىلىنىپ، تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى ھەسەن تۇراق مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون يەنە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىيئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش تەپسىلىي خىزمەت قائىدىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىگە قارىتا تەنبىھ بېرىش چارىسى››قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئۈنۈمىنى باھالاشخىزمىتىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىلمىي بولغان باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ پىرىنسىپى، تەلىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تارماقلارنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋەيېتەكلەيدۇ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ماس كەلمەيدىغان قاراش ۋە ئۇسۇللارنى شاللاپ، خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشتا توغرا يېتەكچىلىكىنى ئورنىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەر ۋاقىت 1 – ئورۇنغا قويۇدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاساس سېلىنىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، خەلققە نەپيەتكۈزۈدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، تىرىشىپئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈمىز.

  ھەسەن تۇراق مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگان ئۈنۈمى قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك، دائىملىق خىزمەت بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ تەپسىلىي قائىدىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيخىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىماتەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش