نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 2001 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستانلىق قىز ئاپتوبۇستا باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، يالىڭاچ ھالەتتە سىرتقا تاشلىۋېتىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

يەر شارى تورى خەۋىرى: تەيۋەن «مەركىزىي ئاگېنتلىقى» 17 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان يېڭى دېھلىدا باسقۇنچىلىق دېلولىرى بەك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھىندىستان تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «باسقۇنچى شەھەر» دىگەن يامان ئاتاققا قالغان. 16 – چىسلا، شۇ جايدا يەنە بىر پارچە ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەردى. بىر قىز ستودېنت يېرىم كېچىدە مېڭىۋاتقان كوچا ئاپتوبۇسىدا بەش باسقۇنچىنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىدى ھەمدە يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە ئاپتوبۇستىن سىرتقا تاشلىۋېتىلدى. ساقچى تەرەپ ھازىر ئىككى قاتناش ئاپتوبۇسىنى تۇتۇپ قالغان، بىراق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تېخى تاپالمىغان.
خاراكتىرى ئىنتايىن يامان بۇ دېلو ھىندىستانلىق تورداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ غەزىبىنى قوزغىغان. توردىكى نامى «دىپانشۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تورداش يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىدە سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دىگەن، «يېڭى دېھلى نومۇستا قالدى، پايتەختتە يەنە بىر باسقۇنچىلىق دېلوسى كۆپەيدى، ياۋۇز ئەرلەر ئەمدى بولدى قىلىڭلار، بولمىسا ئاياللانىڭ قوراللىق ھالدا كوچىغا چىقىدىغىنىغا ئاز قالدى، شۇ چاغدا سىلەرنىڭ جەسىتىڭلار يول بويلىرىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ».
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ دېلودا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى 23 ياش بولۇپ، دېھلى تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. ئۇ 16 – چىسلا كەچتە يېڭى دېھلىدىكى داڭلىق مال سېتىۋېلىش مەركىزى Select City Walkدە كىنو كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئەر دوستى بۇ قىزغا ھەمراھ بولۇپ ئۆيىگە قايتقان. بۇ ئىككىسى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتتا شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ يولغا كېلىۋالغاندىن كېيىن، كېچە سائەت 11 دا قاتنايدىغان بۇ شەخسىي كوچا ئاپتوبۇسىغا چىققان.
تەخمىنەن ئون مىنۇتتىن كېيىن، ئاپتوبۇستىكى خېلى كۆپ ئەرلەر بۇ قىزغا پاراكەندىچىلىك سېلىشقا باشلىغان. ئۇ قىزنىڭ ئەر دوستى ئۇلارنى توسىماقچى بولغاندا، ھېلىقى كىشىلەر ئۇنى ئۇرە ئۇر قىلىۋەتكەن. بۇ يىگىتنىڭ بىر تاغىسى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى، «بۇ ئەبلەخلەر كالتەك بىلەن ئۇنى بەك ئۇرۇۋېتىپتۇ، ئاندىن ھېلىقى قىزنى ئاپتوبۇسنىڭ كەينى تەرىپىگە ئېلىپ بېرىپ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىپتۇ».
خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ كىشىلەر دېلو سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى مەجبۇرىي سالدۇرۇپ، جەنۇبى دېھلىغا كەلگەندە بۇ ئىككىسىنى ئاپتوبۇس سىرتىغا تاشلىۋەتكەن. ھازىر يېڭى دېھلىدا كېچىدىكى تېمپراتۇرا تەخمىنەن 10 گرادۇس. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، ئېيتىلىشىچە بۇ قىزنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىكەن.
ھىندىستىن شۇ جايلىق ساقچىلار 17 – چىسلا سەھەر سائەت بىردىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ھازىر دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. ھازىرغىچە بۇ بەش باسقۇنچىنىڭ ئاشۇ ئاپتوبۇستىكى يولۇچى ياكى خىزمەتچى خادىملىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ساقچى تەرەپ ئىككى ئاپتوبۇسنى تۇتۇپ قالغان ، بىراق ھىچقانداق ئادەمنى قولغا ئالالمىغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش