نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 779 قېتىم كۈرۈلدى
يۈك ماشىنىسى جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ بىر كىشى قازا قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

داجوڭ تورى-جىلۇ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتە، جىنەن لىچېڭ رايونى جوڭگۈەن بازىرى داشيەن چوڭ كۆۋرۈكىدە بىر كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىسى يول بويىدىكى ئۈچ تۈپ دەرەخنى سوقۇپ ئۆرۈۋەتكەندىن كېيىن 10نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن، ماشىنىدىكى ئىككى ئەرنىڭ بىرسى بەختكە قارشى قازا قىلغان، يەنە بىرى ئېغىر يارىلانغان.
12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەر بىلەن، مۇخبىر نەق مەيدانغا كېلىپ ئېرشيەن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرىدىكى جايدا يۈك ماشىنىسى چۈشۈپ كەتكەن دائىرىدە توسۇق يوقلۇقىنى، يول بويىغا قاتار قىلىپ ئادەم ئېگىزلىكىدىكى دەرەخلەرنىڭ تىكىلگەنلىكىنى، يۈك ماشىنىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن يېرى 10نەچچە مېتىر كېلىدىغان چوڭقۇر جىلغا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن.
ۋەقەگە يولۇققان بۇ يۈك ماشىنىسى ئېغىر دەرىجىدە شەكلى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرى جىددىي نەق مەيداننى تەكشۈرۈۋاتاتتى، نەق مەيداندىكى توپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، يۈك ماشىنىسىدىكى ئىككى شوپۇر دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئەرنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان بولۇپ، ماشىنىنى ھەيدىگەن شوپۇرنىڭ يارىسى بىرئاز يېنىك ئىكەن. ئەھۋالنى بىلىدىغان بىر كىشىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار دائىم شەھەردىن جوڭگۈەن ئوتتۇرىسىدا يۈك توشۇيدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم شەھەرگە يۈك ئاپىرىپ قايتىش يولىدا مۇشۇ ۋەقەگە يولۇققان.
كېيىن مۇخبىر شەندوڭ ئۆلكىسى ساقچى-ئوفىستىرلار دوختۇرخانىسىغا كېلىپ ۋەقەدە يارىلانغان بۇ ئەرلەرنى يوقلىدى. بىر ئەر كىشى بىرىنچى قەۋەتتە رېنتگېنغا چۈشۈۋاتقان بولۇپ يەنە بىر ئەر كىشى پۇتلىرىنى تېڭىۋەتكەنلىكىدىن مىدىر قىلماي ياتقان بولۇپ، بۇ ئەر كىشى ماشىنىنى ھەيدىگەن شوپۇر بولۇپ پۇتىنىڭ ئۇستىخىنى سۇنۇپ كەتكەندىن باشقا چوڭ مەسىلە يوق ئىكەن، بىراق شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ئەرنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولۇپ، ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر زەخىملەنگەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشتىن كېيىن بەختكە قارشى قازا قىلغان ئىدى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش