نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 109 قېتىم كۈرۈلدى
بىر پۇتى يوق مېيىپ بۇلاڭچى بىر يىلدا 15 قېتىم دېلو سادىر قىلغان
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

داجوڭ تورى-جىلۇ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لۇ فامىلىلىك بىر ئەر بىر پۇتى يوق مېيىپ بولۇپ، شۇنداق بولسىمۇ ماشىنا بىلەن ئوغرىلىق قىلىپ بىر يىل ئىچىدە 15قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. يېقىندا لۇ فامىلىلىك بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن جۈيې ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 11يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ، قوشۇمچە 20يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
لۇ فامىلىلىك 2011-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە موتۇتسىكىلىت بىلەن جۈيې، دىڭتاۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەخسۇس ئالتۇن زىبۇزىننەت تاقىغان ، يالغۇز يول يۈرگەن قىز –ئاياللارنى ئولجا قىلىدىغان بولۇپ، موتۇتسىكىلىت بىلەن ئۇچقاندەك بېرىپ ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدىكى زەنجىرلىرىنى بۇلاپلا قاچىدىكەن. بىر يىل ئىچىدە 15قېتىم دېلو سادىر قىلغان بولۇپ، ئوغرىلىغان ئەڭ قىممەت زەنجىر 8000يۈەن ئىكەن، ئەينى ۋاقىتتا لۈ فامىلىلىك بۇلاڭچىلىق قىلغان جاي يەرلىك ساقچىخانىغا 500مېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، بىر-ئىككى قېتىم قورقۇپ تۇرۇپ بۇلاڭچىلىق قىلغان لۈ فامىلىلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلماي جىم تۇرۇۋېلىشى بىلەن يۈرىكى تېخىمۇ يوغىناپ بارغانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەتتا بۇ يىل 4-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلغان.
لۈ فامىلىلىك بىر يىل ئىچىدە دائىم ئۆزى يالغۇز بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئايالى بولسا ئۇ بۇلاپ كەلگەن ماللارنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئاچقان كۈنى ئوغرىلانغان، بۇلانغان ھارام ماللارنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرمەي ئەكسىچە سېتىپ چىقىرىش، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلارنىڭمۇ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەن لۈ فامىلىلىكنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان. ئەگەر ئېرىنى بالدۇرلا بۇ ئىشتىن توسقان بولسا ، بۇ كۈنگە كېلىپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سوت خادىملىرىدىن ئېرىگە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشنى ئۆتۈنگەن.
لۈ فامىلىلىك بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 11يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، قوشۇمچە 20مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلغان، ئايالى بولسا بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن ماللارنى بىر تەرەپ قىلىش، يوشۇرۇش، سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، بىر يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش