نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1041 قېتىم كۈرۈلدى
بېيجىڭدىكى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن خىيانەتچىلىك قىلغان ئايال ئەمەلدارلار
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -21
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش خادىملىرى بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئورگان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى بەي خۇڭنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشما خىراجىتىنى ئالىي ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئىستېمالىغا ئىشلىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا تاساددىبىي ھالدا مەلۇم ئالىي ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدا ئوخشاش تۈردىكى يىپ ئۇچىنى بايقىدى. يەنى 12 نەپەر ئايال ئەمەلدارنىڭ ئايرىم-ئايرىم خىيانەتچىلىك قىلىش، پارا ئېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇللارنى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئىستېمالىغا ئىشلىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقتى.
بىر يىلدىن ئارتۇق ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق 12-ئاينىڭ بېشىغا قەدەر، ئالاقىدار دېلولارنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈلۈپ ئاياقلاشتۇرۇلدى، قىسمەن دېلولار تەھقىقلەش باسقۇچىغا كىردى، بەي خۇڭ دېلوسى قاتارلىقلار ھۆكۈم ئىلان قىلىندى.
2011-يىلى 3-ئايدا، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاندىن كەلگەن بىر ئىمزاسىز پاش قىلىش خېتىنى تاپشۇرۋالدى، خەتتە بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئورگان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بەي خۇڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئالىي ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئىستېمالى قىلغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.
دېلو بىجرىگۈچى تەپتىش ئەمەلدارى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن بىز ئالاقىدار ھېساباتلارنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، بەي خۇڭنىڭ ھەمىشە ئېلىپ كېلىدىغان ئاتچوت تالۇنلىرىنىڭ گەرچە ھەممىسىنىڭ يىغىن خىراجىتى، تەربىيەلەش خىراجىتى بولۇپ، تالۇن كەسكەن ئورۇنلار ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما بۇ تالۇنلارنى بەرگەن ئورۇنلارنىڭ ئارقىسىدا ئەمەلىيەتتە بەش ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزىنى باشقۇرىدىغان بىر ئالىي دەرىجىلىك گۈزەللىك سالۇنى بارلىقىنى بايقىدۇق.
تەپتىش ئەمەلدارى مانا مۇشۇنى بۆسۇش ئېغىزى قىلىپ بەي خۇڭنىڭ جىنايىتىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرى ۋە ئىسپاتلارنى توپلىدى.
بۇ يىل 60 گە كىرىپ قالغان بەي خۇڭ مۇنداق دېدى: 2006-يىلى 7-ئايدا تاساددىبىي بىر پۇرسەتتە بۇ گۈزەللىك سالۇنىغا تۈنجى قېتىم كىردىم ۋە ئۆزۇمنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشما خىراجىتىگە يۈز ماي سېتىۋالدىم. كېيىن بۇ ئىشىم داۋاملىشىپ ئاخىرى يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2006-يىلى 7-ئايدىن 2011-يىلى 3-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا بەي خۇڭ خىزمەت ھوقۇقى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يىغىن ئېچىش، تەربىيەلەش، سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ناملار بىلەن نەق پۇل چېكى ياكى نەق پۇل چىقىم قىلىپ ئىشچىلار ئۇيۇشما خىراجىتىدىن جەمئىي 3 مىليۇن 990 مىڭ يۈەن پۇل ئالغان شۇنداقلا بۇنىڭ ھەممىسىنى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئىستېمالىغا ئىشلىتىۋەتكەن.
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، بەيخۇيگە خىيانەتچىلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەپتىش مەھكىمىسى 13 قېتىملىق ئوخشاش تۈردىكى دېلونى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 12 قېتىملىق دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى ئاياللار بولۇپ، ئۇلار خىيانەت قىلغان، پارا ئالغان پۇللارنى ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئىستېمالىغا ئىشلەتكەن.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش