نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2639 قېتىم كۈرۈلدى
جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان نازىنىن چولپان داۋالاشنى قوبۇل قىلىدىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn


ئۈنچە-مەرۋايىت ئوغرىلاش، ئالدامچىلىق، قاۋاقخانىدا جېدەل چىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ ‹باش قەھرىمانى› ھوللىۋودنىڭ ‹يارقىن نۇقتىسى›لىندىساي لوھەن ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى ھېس قىلغان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان لىندىساي لوھەن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ كەسپىي دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپ داۋالاشنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەن.

بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدىكى ئۈنچە-مەرۋايىت ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ چىققان لىندىساي لوھەن ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە تۇغدۇرغان. قاۋاقخانىلاردا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ جېدەل چىقارغان. ئۇنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەنمۇ كونتروللۇقىنى يوقاتقان.

كەسپىدە مەغلۇپ بولۇپ، ھەممە ئىشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قەرزگە بوغۇلغان لىندىساي لوھەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لىندىساي لوھەن ئۆز تۇرمۇشىنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئازابلانغان ھەمدە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ داۋالىنىش نىيىتىگە كەلگەن.

زەھەر بىلەن ھاراققا خۇمار بولغان بۇ چولپان ئىلگىرىكى گۈزەللىكىنى يوقىتىپ تۈگىشىپ كەتكەن. لېكىن ئۇ ئۆزىنى زەھەرگە ۋە ھاراققا خۇمار بولمىدىم دەپ قارايدۇ. ئۆزىنىڭ بۇنداق تۈگىشىپ كېتىشىنى كەسپىي ساھەدىكىلەرنىڭ ياخشى داۋالىشىغا ماسلاشمىغانلىقىدىن بولغان دەپ قارىغان ھەمدە پسىخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنمەكچى بولغان.

ئەمەلىيەتتە لىندىساينىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بولمىغانلىقى، يەنى ھەددىدىن زىيادە قىزىق قان بولغانلىقىدىندۇر.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش