نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 2480 قېتىم كۈرۈلدى
خۇنەنلىك بىر ياش ئامېرىكىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

سۈرەتتە: 16-دېكابىر، چاڭشانىڭ نىڭشىياڭ ناھىيسى، ۋاڭ فامىللىك ياش ئامېرىكىدىن زاكاس قىلىپ سېتىۋالغان تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى تەكشۈرمەكتە.
 

نۇر تورى تەرجىمىسى: خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرى نىڭشىياڭ ناھىيسىدىكى 24 ياشقا كىرگەن بىر يىگىت، بىر مىليون 800 مىڭ يۈەن خەجلەپ، ئامېرىكىدىن بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋىلىپ، گۆدەك چاغلىرىدىكى غايىسىنىڭ بىر قىسىمىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغان. ئەمدى ئۇ ئايروپىلاننى ھەيدەپ، كۆك ئاسماندا پەرۋاز قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە 30 سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇش ۋاقتىنى تاماملاپ، ئايروپىلان ھەيدەش پراۋىسى ئېلىشى، ئايروپىلانىغا ئۇچۇش ئىجازەتنامىسى بىجىرىپ، ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىكەن.
تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىپ قويۇلغان ۋاقىتلىرىدا، ۋاڭ فامىللىك بۇ ياش يىگىت بىكار تۇرۇپ قالمىغان، بىر نەچچە ئاي سەرپ قىلىپ، ئامراق ئايروپىلانغا «ھۆسن تۈزىگۈچى» ئىزدەپ تېپىپ، ئايروپىلانىنى باشقا سىردا سىرلاتقان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئايروپىلانى بۇرۇن يىشىل رەڭلىك بولۇپ، كۆرۈمسىز بولغاچقا سىرلىتىۋەتكەن.

خۇنەندە مىڭ مېتىردىن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى شەخسىلەرگە قويۇۋېتىلگەن

2010 -يىلى 14-ئۆكتەبىر، گوۋۇيۈەن، مەركىزى ھەربى ئىشلار كومتېتى «تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى يىتەكچىلىك پىكىرى»نى تەستىقلاپ، تىزگىنلەش ئاسارىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان تۆۋەن ھاۋا بوشلۇق تەۋەلىكى بارا-بارا ئاددى پۇقرالارغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.
2011 -يىلى ئاپرېلدا، خۇنەن ئۆلكىسى 1000 مېتىردىن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىنى قويۇۋەتتى. بۇ سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شەخسىلەر ۋە كارخانا-كەسپى ئورۇنلارنىڭ ئادەتتىكى ئايروپىلانلارنى سېتىۋىلىش ۋە ئىشلىتىش توسالغۇلىرى سۈرۈپ تاشلاندى.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش