نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 176 قېتىم كۈرۈلدى
ئومۇرتقىسىدا مېتال سىم بايقالغان بىچارە بوۋاق
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

خۇالوڭ تورى مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەككىز ئايلىق بولغان بىر بوۋاق دائىم يۆتىلىپ تىنمىغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر نەپەس يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ بالىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆپكىسىنى رەسىمگە ئالدۇرغان. دوختۇر ۋە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چۆچۈتكىنى بولسا بۇ بوۋاقنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرىكىدە چىش كولىغۇچنىڭ يېرىمىدەك كېلىدىغان، قەلەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىكىسىدەك كېلىدىغان مېتال سىمنىڭ بارلىقى بايقالغان.
ۋاڭ خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرى جياڭبېي رايونىدا تۇرىدىغان بولۇپ، يېرىم ئاينىڭ ئالدىدا سەككىز ئايلىق بولغان ئوغلى دوڭ دوڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ھېچبىر سەۋەب يوقلا يىغلاپ كېتىدىغان، يۆتىلىدىغان بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىنىڭ نەپەس يولى ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانغان ۋاڭ فامىلىلىك ئەر-ئايال ئوغلىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى شىپاخانىلارغا داۋالاتقىلى بارغان، دوختۇرلار ئوغلىغا يۆتەل توختىتىدىغان دورىلارنى بەرگەن بولسىمۇ بىراق ھېچقانداق كار قىلمىغان. ئەكسىچە تېخىمۇ قاتتىق يۆتىلىدىغان، كېچىسى قىينىلىپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغان.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى، چۇڭچىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى دوڭ دوڭنىڭ ئۆپكىسىدە مەسىلە بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى رەسىمگە ئالغان. كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ بوۋاقنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرىكىدە ئۇزۇنلۇقى 3.2سانتىمېتىر ، دىئامېتىرى 1.9مىللىمېتىر كېلىدىغان مېتال سىم بار ئىكەن.
سەككىز ئايلىق بوۋاقنىڭ ئومۇرتقىسىغا قانداق قىلىپ بۇنداق مېتال سىم كىرىپ قالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، بالىسى تۇغۇلۇپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ھېچقانداق يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، دۈمبىسىدىمۇ ھېچقانداق يارىلانغان ئىز بايقالمىغان. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ بالىنىڭ ئانىسى ۋاڭ خانىم شۇنچە ئۇزۇن ئويلانغان بولسىمۇ قانداق بولۇپ بالىسىنىڭ ئومۇرتقىسىدا بۇنداق مېتال سىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمىگەن. دوختۇرنىڭ بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دېيىشىچە، مېتال سىم ئومۇرتقا قانىلىغا كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەر ئومۇرتقا بوغۇمىنى تېشىپ چىقىدىغان بولسا ئۆپكىسىنى تېشىۋېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، ئەگەر يەنە ئىچىگە قاراپ يۆتكەلسە يۈرەك-قان تومۇرلىرىغىمۇ زىيان-زەخمەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەگەر ئېغىر بولسا ھاياتىغا خەۋپ يىتىدىكەن. ئەھۋالى تولىمۇ خەتەرلىك بولۇپ چوقۇم جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىپ بۇ مېتال سىمنى ئېلىۋېتىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ بالىلار دوختۇرخانىسى نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى مېتال سىم ئومۇرتقا ئىچىگە كىرىپ كەتكەن كېسەل ئەھۋاللىرى ئۇچراپ باقمىغان بولۇپ، بۇ بوۋاق تۇنجى بىمار ئىكەن، بالىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل توختىماي يۆتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا مۇشۇ مېتال سىم ئۆپكە پەردىسىنى غىدىقلىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بىراق بۇ بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى مېتال سىمنىڭ ئورنى بەك ئالاھىدە يەردە بولۇپ، ئومۇرتقا بوغۇمىنىڭ 2-ۋە 3-ئومۇرتقىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سانجىلىپ قالغان ، شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خەتەرلىك جەريان ئىدى، ئەگەر ئىككى بوغۇم قىسىلىۋالسا چىقىرىش بەكمۇ تەس بولىدىغان بولۇپ، تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن قان ئىششىق پەيدا بولۇپ، نېرۋا –تومۇرلارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەگەر ئېغىربولسا بالىنىڭ كېيىنكى ھەرىكىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
نۆۋەتتە دوڭ دوڭ بالىلار دوختۇرخانىسى نېرۋا بۆلۈمى دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا ئىدى. دوختۇرلار پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ بۇ بالىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش