نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 248 قېتىم كۈرۈلدى
خەلىقئارا مىلان ئارسېنال كوماندا ماھىرىنى قوشۇۋالماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 17-دېكابىر خەۋىرى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا 0-1 نەتىجىدە لازىئو كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، خەلىقئارا مىلان كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۇتۇش ۋەزىيىتى ئاخىرلاشتى، كوماندىنىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارى مەسىلىسى تاراتقۇلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. پاراسىئو، مىلىتو ۋە كاسانودىن ئىبارەت ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى، ھەم 10 مەيدان ئۇدا غەلىبىگە ئېرىشىشتە ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان، لېكىن بۇ ئۈچىنىڭ ھەممىسى 30 ياشتىن ئاشقان پېشقەدەم ماھىرلاردۇر، ئۇدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇلارنى چارچىتىپ قويغان، يانۋاردا مۇۋاپىق ھۇجۇمچى تولۇقلاش خەلىقئارا مىلان كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق مۇھىم ۋەزىپىسى، نۆۋەتتە خەلىقئارا مىلان كۇلۇبىنىڭ قوشۇۋالماقچى بولغان ماھىرى ئارسېنالدىكى توپچى چاماك.33 ياشلىق توپچى مىلىتو گەرچە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان 17 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ سەككىز توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇنى چارچىتىپ قويغان، يېقىندىن بۇيانقى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ پەقەت بىر توپ كىرگۈزگەن، شۇڭا يانۋاردا بىر ھۇجۇمچى قوشۇۋېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئارسېنالغا قوشۇلغاندىن بۇيان توپچى چاماكنىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىدى، 2010-2011-مۇسابىقە پەسلىدە، توپچى چاماك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدا جەمىئي 44 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ كىرگۈزگەن، لېكىن 2011-2012-مۇسابىقە پەسلىدە مەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشىش نىسبىتى ياكى ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن تۆۋەنلىگەن، پۈتۈن مۇسابىقە پەسلى بويىچە 11 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بىر توپلا كىرگۈزگەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئارسېنال مەشقاۋۇلى ۋېنگېر ئۇنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرمىغان، ھەم ئۇنى سېتىۋەتمەكچى بولغان.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش