نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 792 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگونىڭ يېڭى نۇسخسىدىكى پاسپورتى ۋېيتنام، فىلىپىننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئونىۋېرسال خەۋىرى
جۇڭگونىڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئېلىكترونلۇق پاسپورتقا بېسىلغان خەرىتە فېلىپىنلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئەنگلىيە ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتدا دېيىلىشىچە مەزكۇر پاسپورتقا جۇڭگونىڭ نەنخەي رايۇنىدىكى زىمىن ھوقۇق دائىرىسى سىزىپ چىقىلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ نەنخەي ھوقۇقىىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ روشەن بولغان ھەرىكىتى. جۇڭگو پۇقراسى چېگردىن كىرگەندە، شۇ دۆلەتلەر جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتنىڭ ئۈستىگە تامغا بېسىشى كېرەك، بۇ ئېنىقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقى قارىشىغا سۈكۈت قىلغانلىق بولىدۇ،دېگەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقى ئاشكارلىشىچە 22- چېسلا فىلىپپىن، ۋيېتنام قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىردەك نارازىلىق بىلدۈرۈپ بۇ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق دېگەن. ماقالىنىڭ جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىنكاسدىن نەقىل ئېلىنغان قىسىمدا دېيىلىشىچە : جۇڭگونىڭ يېڭى نۇسخىدىكى پاسپورتى خەلقئارالىق قانۇنغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۈستىدىكى خەرىتە ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن پائال ماسلىشىپ، ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىشنى خالايدۇ دېگەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

دۇنياۋى ئېقىمغا ماسلىشىپ، پۇقرالارنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2012- يىلى 5-ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ئاددى ئېلىكترونلۇق پاسپورتنى تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ئومۇمى تارقىتىلغان سانى ئالتە مىليونغا يەتكەن. بۇ خىل پاسپورتقا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پاسپورتقا شۇ كىشىنىڭ قىسقىچە ماتېرىيالى، رەسىمى، بارماق ئىزى قاتارلىق شەخسى ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن ئېلىكترونلۇق ئۆزەك پلاستىنكا ئورنىتىلغان.
كۈندىلىك پوچتا تېلېگرامما خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرگە ۋىزا بېجىرىپ بېرىش جەريانىدا، كۆزى ئۆتكۈر ۋېيتنام ئەمەلدارلىرى پاسپورتتىكى غەيرىلكنى بايقاپ قالغان ۋە بۇ خىل پاسپورت بىلەن چېگىردىن كىرىشنى رەت قىلىپ، باشقا بىر خىل پاسپورتنى تارقاتقان ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھەر بىر پاسپورت ئۈچۈن 30 يۈەن خەلق پۇلى يىغقان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش