نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 229 قېتىم كۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى 18-دېكابىر رەسمىي ۋەزىپىسىدىن بوشىنىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.c

و خەۋەرلەر تورى 17-دېكابىر تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىبىرمەن ئالدامچىلىق ۋە ھاۋالىگە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەنلىكتىن، بىر قانچە كۈن بۇرۇن رەسمىي ئىستىپا سورىدى، ئۇنىڭ ئىستىپانامىسى 18-دېكابىر رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، لىبىرمەن 14-دېكابىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ئارقىلىق، ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان ئالدامچىلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئۇ 16-دېكابىر، ئۆزىنىڭ تىزرەك ۋەزىپىدىن بوشىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لىبرمەننىڭ ئىستىپانامىسى 18-دېكابىر رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئالدامچىلىك ۋە پارىخورلۇق قاتارلىق كۆپ خىل ئەيىبلەشلەر تۈپەيلىدىن كۆپ يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈلۈۋاتقان لىبىرمەننىڭ پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش ئېھتىماللىقىنى بارلىقى دېيىلگەن بولۇپ، ئۇ 2001-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە «نەچچە مىليون دوللار»پارا ئالغان دەپ گۇمان قىلىنغان، ئەمما لىبىرمەن بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلغان.
بىراق، لىبىرمەن داۋاملىق تۈردە نامزات بولۇش سۈپىتى بىلەن نىتانىياخۇ بىلەن بىرلىكتە كېلەر يىلى 22-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما ئالدامچىلىق قاتارلىق ئەيىبلەشلەر ئالدىدا، ئۇنىڭ كېلەركى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتە مىنىستىرلىق ئورنىغا ئېرىشەلىشىنى پەرەز قىلىش ئىنتايىن تەس.
بۇ يىل ئۆكتەبىردە، ئسرائىلىيەنىڭ ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە لىكۇد گۇرۇھى قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ موئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لىبىرمەن رەھبەرلىكىدىكى ئوڭ قاناتلار سىياسى پارتىيىسى «بىزنىڭ ماكانىمىز ئىسرائىلىيە»نى ئىتتىپاقدىشى قىلىپ، كېلەر يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارا قىلدى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش