نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1100 قېتىم كۈرۈلدى
مايكول جېكسون ئائىلىسىدىكىلەر مىراس تالىشىپ دۈشمەنلىشىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

جۇشقۇن ناخشىلىرى بىلەن ئاجايىپ دەۋر سۈرگەن، دۇنيا مىقياسىدا ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان مايكول جېكسون كىشىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئوبراز يارىتىپ بىز بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالاشتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئېيتقان ناخشىلار يەنىلا نەچچە ئەۋلادلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ ئۈزۈلمەي ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ نام قازانغان تالانتلىق چولپان. ئەپسۇس ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قالغان 30 مىليارد مىراسنى تالىشىش ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى زىددىيەت ۋە ياتلىشىشقا ئېلىپ ماڭغان. مايكول جېكسوننىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئازاب ئىلىكىدە ياش تۆككەن ئۇرۇق-تۇغقانلار بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مال-مۈلۈك تالىشىپ ئۆز ئارا دۈشمەنگە ئايلانغان. ھەتتا تۇتقۇن قىلىش، رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇرۇشۇپ مال-مۈلۈككە ئېرىشىش يامان غەرىزىدە بولغان.

 

Www.AnAdiyar.Cn 

تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر پارچە ئوچۇق خەت

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۆزىنى ئالىن مېيساگى دەپ ئاتىۋالغان بىر دوختۇر مايكول جېكسوننىڭ ئاپىسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بىللە تۇرىدىغان كاتتا داچىغا كېلىپ، مايكول جېكسوننىڭ ئاپىسى كازىرىياننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. تەكشۈرگەندىن كېيىن كازىرىياننىڭ قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ماشىنا بىلەن يېڭى مېكسىكا ئىشتاتىغا بارسا بولمايدىغانلىقىنى چوقۇم ئايروپىلان بىلەن بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كازىرىيان قىزى راببىت، نەۋرە قىزى سىتاسىي بىروۋېن ۋە شەخسىي ياردەمچىسى بىلەن بىرگە ئايرودرومغا بارغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. تېلېفون ئۇلانمايدىغان، تېلېۋىزور بۇزۇق مېھمانخانىدا ئۇنىڭ قىزى جېننىي جېكسون ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، كازىرىيان كىرىشىگە ئۇنىڭ قول تېلېفونىنى ئېلىۋېلىپ:‹مۇشۇ يەردە ياخشى دەم ئال›دېگەن. يەنە بىر مېھمانخانىغا كازىرىيان بىلەن بىرگە كەلگەن جېكسوننىڭ ئۈچ بالىسى ۋە كازىرىياننىڭ شەخسىي ياردەمچىسىنى سولاپ قويغان.

شۇنىڭ بىلەن ياردەمچى بىلەن بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بايقاپ بىخەتەرلىكىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ھەمدە مومىسى كازىرىيان بىلەن ئىككى كۈن ئالاقىلىشەلمىگەن. ئۈچىنچى كۈنى مايكول جېكسوننىڭ بەش قېرىندىشى بىرلىكتە ئىمزا قويغان ئوچۇق خەت تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. بۇ خەت مايكول جېكسوندىن قالغان مىراسنى باشقۇرغۇچى جوھان برانكا بىلەن جوھان مىچالېغا يېزىلغان. شۇنىڭ بىلەن مايكول جېكسون مال-مۈلكىنى تالىشىش ‹كۈرىشى› باشلانغان.
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش