نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 333 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا بىر ئەر رۇمىنىي نىقابى تاقاپ، بانكا بۇلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -17
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : .nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

بۇلاڭچى رۇمىنىي نىقابى تاقاپ، بانكا بۇلىدى

خەلقئارا سىملىق لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ «نيۇيورك كۈندىلىك خەۋەرلەر» نى نەقىل كەلتۈرۈپ، 16 – دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ئەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق زوڭتوڭ سايلىمى رىقابەتچىسى مىت رومىنىينىڭ نىقابىنى تاقاپ، ئامېرىكا فۇگو بانكىسى ۋىرگىنىيە تارماق بانكىسىنى بۇلىغان.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ قوراللىق بۇلاڭچى فلورىدا خېتى بېسىلغان تەنھەرىكەتچىلەر مايكىسى كىيگەن، رۇمىنىينىڭ نىقابىنى تارتىۋالغان، ئۇ ناھايىتى ئالدىرىماي كىرىپ، فۇگو بانكىسىنىڭ بىر تارماق بانكىسىنى بۇلىغاندىن كېيىن، قېچىپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ شۇ بانكىنىڭ ئەتراپىدا رۇمىنىي نىقابى سېتىۋالغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
2010 – يىل 12 – ئايدا، بىر بۇلاڭچى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار كاتىبى ھىلارى كلىنتوننىڭ نىقابىنى تاقىۋېلىپ، ۋىرگىنىيە ستېرلىڭدىكى فۇگو بانكىسى تارماق بانكىسىنى بۇلىغان، ئارقىدىنلا يەن ۋاخۇۋىيا تارماق بانكىسىنى بۇلاپ كەتكەن ئىدى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش