نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> فىلىم خەۋەرلىرى >> يازما كۈرۈش >> 4742 قېتىم كۈرۈلدى
«كۇردلار ۋادىسى» نىڭ باش رولچىسى نىجات شاشماز توي قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -16
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : تور
Www.AnAdiyar.Cn


ئۇزۇندىن بېرى كىنو مەستانىلىرىگە ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركىىىيە چاتما تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۇردلار ۋادىسى» ۋەقەلىكىنىڭ ئەگرى-توقايلىقى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن باشقا فىلىملەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغاچقا، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭدىن سىرت فىلىمدە رول ئالغان چولپانلار، فىلىمدىكى ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاش جەھەتتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقتىن، فىلىمنىڭ سېھرىي كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىمدىكى باش پېرسوناژ پولات ئەلەمدارنىڭ رولىنى ئالغان نىجات شاشماز بىردىنلا نام قازىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بولسا كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ئۇنىڭ فىلىمدىكى ئوبرازىدىن ھالقىپ شەخسىي تۇرمۇشىغا بېرىپ «تەرەققىي» قىلدى.


تۈركىيىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ داڭلىق چولپان بۈگۈن، يەنى 2012-يىلى 13-دېكابىر گۈزەل مەشۇقى بىلەن نىكاھ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان. نىجات شاشماز فىلىمدىكى ئوبرازىغا ماس ھالدا توي مۇراسىمىنىمۇ ئالاھىدە شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، مۇراسىمنىڭ ئەڭ ئۇششاق ھالقىلىرىغىچە ئەتراپلىق ئويلىشىپ ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇردى. رەسىمدىن ئۇنىڭ كۈلكە پارلاپ تۇرغان چىرايىدىن بۇ نىكاھتىن، بۇ مۇراسىمدىن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.


 

Www.AnAdiyar.Cn











 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش