نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1928 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچىدە ئاجايىپ غەلىتە «تۇخۇم ئىچىدىكى تۇخۇم» بايقالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -09
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

خەلق تورى 19 – ئۆكتەبىر خەۋىرى: «ئىككى سېرىقى بار تۇخۇم، ئۈچ سېرىقى بار تۇخۇمنى كۆرگەن، بىراق تۈخۇم ئىچىدە تۇخۇمى بار تۇخۇمنى كۆرمەپتىكەنمەن» گورېن شۇنداق دىدى، «مەن ‹جاسوس ئىچىدىكى جاسوس›نى كۆرگەن، لېكىن ‹تۇخۇم ئىچىدىكى تۇخۇم›نى ئەزەلدىن كۆرمەپتىكەنمەن». 18 – ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى «جىنيىن» يولىدا تۇرۇشلۇق گورېن شۇنداق دىدى، ئۈچ كۈن بۇرۇن، ئۇ ئۈنچە توخۇ تۇخۇمىدىن ئۈچنى قازانغا سېلىپ پىشۇرغان، 8 – 7 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، تۇۋاقنى ئېچىپ، بىر غەلىتە ئىشنى كۆرگەن، بۇ ئۈچ تۇخۇمنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇخۇم يېرىلىپ، ئىچىدىن يەنە بىر ئۈچ سانتىمېتر چوڭلۇقتا، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك كىچىك تۇخۇمدىن بىرى چىقىپ، ئۈچ تۇخۇم تۆت تۇخۇم بولۇپ قالغان.
شىنجاڭ ھايۋاناتلار كېسەللىكلىرى نازارەتچىلىك ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى لەنلىڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دىدى، «تۇخۇم ئىچىدىكى تۇخۇم» سەل ئاز كۆرۈلىدۇ، بىراق ئۇ ئىككى سېرىقى بار تۇخۇم، ئۈچ سېرىقى بار تۇخۇم، يۇمشاق پوستلۇق تۇخۇم بىلەن شەكىللىنىش جەريانى ئوخشاش؛ 1 – دىن، توخۇ، ئۆردەكلەر تۇخۇم تۇغۇش جەريانىدا چۆچۈپ كەتكەن بولسا، تۇخۇمنىڭ نورمال شەكىللىنىش ۋە قويۇپ بېرىلىش جەريانى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ؛ 2 – دىن، شۇ جانۋارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ياللۇغلانغان، قاتارلىق ئۆزىدىكى ئامىللار تۈپەيلىدىن تۇخۇم چىقىرىش جەريانى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. بىراق بۇنداق تۇخۇمنى پىشۇرغاندىن كېيىن، باشقا تۇخۇملارغا ئوخشاش يەۋەرسە بولىدۇ، ھىچقانداق زىيىنى يوق.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش