نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 290 قېتىم كۈرۈلدى
بارسېلونا كۇلۇبى شاۋى بىلەن داۋاملىق توختاملىشىدۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -09
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى سەككىزىنچى دېكابىر خەۋىرى كېلەر ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بەك مۇھىم مۇسابىقىلىرى يوق، گەرچە پادىشالىق لوڭقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسى بولسىمۇ، لېكىن رەقىبى پەقەت ب دەرىجىلىك كوماندا كولدوۋا كوماندىسىدىن ئىبارەت، بارسېلونا مەشقاۋۇلى ۋىلانوۋا بۇ مۇسابىقىگە چوقۇم كاندىدات ماھىرلارنى ئەۋەتىدۇ. بارسېلونا توپچىلىرى زېھنى كۈچىنى داۋاملىق توختاملىشىش سۆھبىتىگە مەركەزلەشتۈرەلەيدىغان بولدى.«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى: بارسېلونا كۇلۇبى كېلەر ھەپتىدە شاۋى، ئادرىيانو ۋە تېللو بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى تاماملىيالايدۇ.
توپچى شاۋىنىڭ توختامى 2014-يىلى يازدا ئاخىرلىشىدۇ. شاۋىنىڭ ھازىرقى توختامىدا ئالاھىدە بىر توختام بار، يەنى پەقەت شاۋىنىڭ مۇسابىقە پەسلى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش نىسبىتى %50 گە يەتسىلا بىر يىللىق يېڭى توختامغا ئۆزلىكىدىن ئېرىشەلەيدۇ. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، بارسېلونا يەنىلا شاۋى بىلەن 2016-يىلى ئىيۇنغىچە داۋاملىق توختاملاشماقچى.
ئادرىيانو بولسا بارسېلونا كۇلۇبى رەئىسى روسېل ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن قوشۇۋالغان بىرىنچى توپچى ھېسابلىنىدۇ، گەرچە ئۇ داڭلىق بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ماھىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بويىچە تۆت توپ كىرگۈزگەن بولۇپ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. ئادرىيانونىڭ توختامى 2014-يىلى ئاخىرلىشىدۇ، بارسېلونا كۇلۇبى ئۇنىڭ بىلەن 2017-يىلىغىچە داۋاملىق توختاملاشماقچى بولماقتا.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش