نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 296 قېتىم كۈرۈلدى
مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىشتا خاتالىق كۆرۈلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -09
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مىكروبلوگى

مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەرنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىشتا خاتالىق كۆرۈلدى
خەلق تورىنىڭ 8 – دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن كەچتە كۆرسىتىلىدىغان «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پروگراممىسىدا بىۋاسىتە ئاڭلىتىش خاتالىقى كۆرۈلدى. ئالدىنقى خەۋەرنى ئاڭلىتىش ئاياقلاشماي تۇرۇپلا، ئاڭلاتقۇچى سۈرەتنى ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە ئالماشتۇرۇۋەتتى، ئاساسلىق ئاڭلاتقۇچى لى شىنمىڭ كېيىنكى خەۋەرنى ئاڭلىتىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى خەۋەر بىراقلا ئاڭلىتىلىپ، «ئارىلاشما ئاۋاز» كېلىپ چىقتى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆزىنىڭ مىكروبلوگى ھېساباتىدا سائەت 21 دىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە بىر كەچۈرۈم سوراش بلوگى ئېلان قىلدى: [كەچۈرۈڭلار] بۈگۈن كەچتىكى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» ئاڭلاتقۇچى كىشىنىڭ خاتا كوماندىسى سەۋەبلىك، سۈرەتلەر ئالمىشىپ قېلىش خاتالىقى كۆرۈلدى، شۇڭا تاماشىبىن دوستلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك باھالىغۇچىسى ياڭيۈ ئۆزىنىڭ بلوگىغا مۇنداق دەپ يازدى: بۇگۈن كەچ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» دە سۈرەت ئالمىشىپ قېلىش خاتالىقى كۆرۈلدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋاقتىدا كەچۈرۈم سورىدى. خەۋەرلەرنى ئۇلاپ ئاڭلىتىشقا قويۇلۇدىغان ئۆلچەم بەك يۇقىرى، بېسىم كۈچى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەلىپىدىن كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە گېزىتلەردىمۇ «خاتالىق» دەيدىغان بىر ستون بار بولۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن خاتالىقىنى تۈزىتىدۇ ۋە كەچۈرۈم سورايدۇ. «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» - جۇڭگودىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان تېلېۋىزىيە خەۋەر پروگراممىسى. ئەلۋەتتە بۇ پروگراممىدىمۇ بەزىدە خاتالىق كۆرۈلىدۇ. پەقەت تۈزەتسىلا ھەممە ئىش يەنىلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش