نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 919 قېتىم كۈرۈلدى
ھاجەتخانىغا كامېرا بېكىتىپ، ئاياللارنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتقان رېستوران
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -09
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn
Www.AnAdiyar.Cn

ئاياللار ھاجەتخانىسى بىلەن ئايرىمخانا ئوتتۇرىسىدا بىر مېتر كەڭلىكتىكى بىر سىرلىق ئارىلىق بار، بۇ يەرگەن نۇرغۇن مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان

Www.AnAdiyar.Cn

ئاياللار ھاجەتخانىسىدىكى كامېرا تەرەت چىلىكىگە توغرىلاقلىق

جۇڭگو ئاخبارات تورى 8 – دېكابىر خەۋىرى: جياۋزو شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا بېكىتىدىكى بىر رېستورانغان كىرىم تاماق يېمەكچى بولغان شۈفېي (ئۆزگەرتكەن ئىسىم)، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن تېزدىن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى، ساقچىلار نەق مەيداندا كامېرا ۋە فوتو ئاپپاراتى قاتارلىق ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئېلىش، تارتىش سايمانلىرىنى قولغا چۈشۈردى، ھازىر بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
شۈفېينىڭ دىيىشىچە، 5 – دېكابىر كەچتە، ئۇ ئېرى بىلەن ۋە باشقا بەش دوستى بىلەن بىرلىكتە، بۇ رېستورانغا تاماق يېگىلى كەلگەن. ئارىلىقتا، شۈفېي ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرىپ تەرەت قىلىدىغان چاغدا، تەرەت قاچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا قويۇپ قويۇلغان ئەينەكنىڭ سەل باشقىچىرەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئۇ ئىنچىكىلەپ قاراپ، بۇنىڭ بىر تاق يۆنىلىشلىك ئەينەك ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغان.
باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە مارىغانلىقىدىن گۇمان قىلغان شۈفېي تېزدىن بۇ ئەھۋالنى ئېرىگە دىگەن. ئاندىن شۈفېي ئېرى بىلەن بىرلىكتە ئاياللار ھاجەتخانىسىغا كىرگەن. شۈفېينىڭ ئېرى ئەينەكنى يۆتكىگەندىن كېيىن، بىر قاپ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئوخشاش يوغان تۆشۈك چىققان، ئاندىن تامنىڭ ئۇ چېتىدىن يەنە بىر ئاۋاز ئاڭلانغان. بەزىلەر ئاياللار ھاجەتخانىسىغا ئوغرىلىقچە ماراۋاتامدۇ نېمە؟ شۈفېي بىلەن ئېرى ھاجەتخانىدىن يېنىپ چىققان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاياللار ھاجەتخانىسى بىلەن ياندىكى ئايرىمخانا ئوتتۇرىسىدا بىر مېتىر كەڭلىكتە بوشلۇق بارلىقى، ياندىكى ئىشىكنىڭ چىڭ ئېتىكلىك ئىكەنلىكى، ئىچىدىن بىر خىل ئاۋاز كېلىۋاتقان بولۇپ، ئېنىقلا ئادەم بارلىقى بايقالغان. بىراق، شۈفېي بىلەن ئېرى ئىشىكنى ھەرقانچە چەكسىمۇ بۇ ئىشىك زادىلا ئېچىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن شۈفېي ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان.
جياۋزو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئوتتۇرا بېكەت ساقچىخانىسى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ھېلىقى بىر مېتر كەڭلىكتىكى بوشلۇقتىن بىر نەچچە كامېرا تېپىپ چىقتى، ئاندىن خوجايىننىڭ يېنىدىن بىر فوتو ئاپپاراتىنى ئاختۇرۇپ تاپتى. ساقچىلار ئاپپاراتنى ئېچىپ، ئاپپارات ئىچىدە ھاجەتخانىغا كىرگەن ئاياللارنىڭ نۇرغۇن سۈرەتلىرى بارلىقىنى بايقىدى.
«بۇنداق سىرلىق بوشلۇقنى چوقۇم مۇشۇ ئاشخانىنى زىننەتلىگەن چاغدا ئالاھىدە لايىھەلىگە» دىدى شۈفېينىڭ ئېرى پەرەز قىلىپ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ رېستوران تىجارەت قىلىۋاتقىلى 10 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، شۇ ئەتراپتا خېلى داڭقى بار ئىكەن، نۇرغۇن خېرىدارلار بۇ ئاشخانىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىكەن. ھازىرقى بۇ ئاشخانىنى تۆت يىل بۇرۇن كونا ئاشخانىدىن ئايرىپ چىققان بولۇپ، تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان قايتا زىننەتلەپ باقمىغان، دېمەك بۇ سىرلىق بوشلۇق مۇشۇ ئاشخانا تىجارەت قىلىۋاتقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت. «ئەگەر بۈگۈن بىز بايقاپ قالمىغان بولسا، يەنە قانچىلىغان ئاياللار زىيانكەشلىككە ئۇچرار بولغىيتتى». دىدى شۈفېينىڭ ئېرى.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش