رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 396 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى مۇقىم بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: 2008 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش ئورۇنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەرزان ئىجارىلىكئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەرزانئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭئىجارە ھەققى مۇقىم بولۇپ، باھا سەۋىيەسىدە چوڭ داۋالغۇش بولمىغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلىرىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىكئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىكقىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى ئۆلچىمىنى باشقۇرۇشقا ئائىت سىياسەت ۋەكونكرېت ئەھۋاللارنىئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 2008 –، 2009 –، 2010– يىللىرى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭئايلىق ئوتتۇرىچە ئىجارە ھەققى 0.93 يۈەن، 0.95 يۈەن، 0.97 يۈەن ئەتراپىدا بولغان،بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئايلىق باھاسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانئىزچىل 0.98 يۈەن (بۇ ئىشلىتىلىش كۆلىمى بويىچە ھېسابلانغان باھا، قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىغاندا ھەر كىۋادرات مېتىرنىڭ ئايلىق باھاسى 0.73يۈەن)لىك سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن.

  ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ سۇ، توك، پار، گاز، ئەخلەت قاتارلىقلىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەقئۆلچىمىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى باھا تولۇقلىمىسى ۋە ئېتىبار سىياسىتى بار. مەسىلەن: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە ئوبيېكتلارغاھەر بىر ئائىلىگە بىر قېتىمدا 1300 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ئەرزانئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈش تولۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ، بۇ 500 يۈەنلىك تۇرالغۇ توختامىغائەمەل قىلىش كاپالەتسوممىسى، 200 يۈەنلىك ئۆي بېزەش كاپالەت سوممىسى، 600 يۈەنلىك ئىككى پەسىللىك ئىجارە ھەققى، خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى، سۇ، توك، تەبىئىي گاز ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (مۇخبىر جۇڭ شيۇلىڭ خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش