نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 770 قېتىم كۈرۈلدى
دۇنيادىكى قارا تەنلىك ئەڭ باي ئايال
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-12 -05
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : news.qq.com

جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- دىكابىر تېلگراممىسى . جەنوبى ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد ژورنىلىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، نېگىرىيەلىك باي ئايال فولورۇنسو . ئالاكجا 3 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇلى بىلەن ئامېرىكىلىق گەپدان رىياسەتچى ئوپورانى مەغلۇپ قىلىپ ، دۇنيادىكى ئەڭ باي قارا تەنلىك ئايال بولۇپ قالدى .

خەۋەردە دىيلىشىچە ، 61 ياشلىق ئالاكجا نىفىت شىركىتىنىڭ كونتىرول قىلغۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ بايلىقى ئوپورانىڭ بايلىقىدىن 2 مىليارد 700 مىليون ئېشىپ كەتكەن . چۈنكى ۋالاقتەككۈرۈپ ئوپورانىڭ بايلىقى ئاران 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىققان . فامفا نېفىت شىركىتى ھازىر نېگىيەنىڭ % 60 نىفىت بايلىقىنى كونتىرول قىلۋالغان بولۇپ ، مول نىفىت بايلىقىغا تولغان نىگېرىيەدە ھەر يىلى 200 مىڭ تۇڭ خام نىفىت ئىشلەپچىقىرىدۇ .

ئالاكجا يەنە مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى ۋە خەير ساخاۋەت يەتكۈزگۈچى . ئۇنىڭ تۆت بالىسى بار . ئالاكجانىڭ قىممىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق داچىسى ۋە 46 مىليون يۈەنلىك شەخسى ئايروپىلانى بار .

ئىگىلىنىشىچە ، ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى ، ئالاكجا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئاددى كاتىۋى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ ، كېيىن ئېسىلزادىلەرگە مودا كىيىم ماركىسى بازارغا سالغان . 90 - يىللىرى ، ئۇ فامفا نىفىت شىركىتىنىڭ ھۈكۈمەت تارقاتقان نىفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش رۇخسەتنامىسىگە ئېرىشكەن ، شۇنىڭدىن باشلاپ نىفىت ساھەسىگە قەدەم قۇيۇپ ، بۈگۈنكىدەك دۇنيادىكى ئەڭ باي قارا تەنلىك ئايال بولۇپ قالغان .
 

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

Www.AnAdiyar.Cn 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش