رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 434 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ئاچتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىيىغىنى 19 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەيجىجيې يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى:‹‹ئادەمنى ئاساسقىلىش، ئاممىنى ئەلابىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› ئىدىيەسىدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاممىۋى خىزمەتئارقىلىق ئىگىلەپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك.

  بەي جىجيې مۇنداق دېدى: ئەرزىيەت خىزمىتى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاساس خىزمەت. ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئەستايىدىل ئىگىلەش، ‹‹ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش››ئىدىيەسى ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى›› تەلىپى بويىچە، ئەرزىيەت خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق،مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش، يىغىلغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى تۈگىتىش، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشىنىئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش، يىغىلغان دېلولارنى تۈگىتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى››پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىشلارنى ھەل قىلىش››نىئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئەرزىيەت نىزامى››نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ئەرزىيەتخىزمىتىنى قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يېڭى يۈزلىنىشلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ كۈچلۈكتەدبىر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاقئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاپپار ھەبىبۇللا يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقپارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەرزىيەتئىدارىسىنىڭ باشلىقىۋاڭ ۋېي خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شايار ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر– يېزا قۇرۇلۇش نازارىتى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە – رايون ۋە تارماقنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. ( فېڭ جىن خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش