نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 260 قېتىم كۈرۈلدى
لىيەنشاڭ شىركىتى Q190 HTPC ۋە 7خىل C تۈردىكى بىر ئۇسۇلۇپلۇق كومپىيوتېرىنى ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -15
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.huanqiu.com

لىيەنشاڭ ئالدىنقى بىر مەزگىلدە Windows 8 غا ماسلاشتۇرۇپ ياسىغان خاتىرە كومپىيوتېر، تەكشى ئىكرانلىق كومپىيوتېر شۇنداقلا ئارلاشما ئۈسكىنە مەھسۇلاتلارنى ھەممىنى يىغىپ بىراقلا ئېلان قىلدى. بۈگۈن بۇ شىركەت يىڭىدىن كىرگەن ئىستىمالچىلارغا IdeaCenter Q190 HTPC ۋە 7خىل يىڭى بولغان Cتۈرىدىكى ئۈستەل يۈزى شەكىلدىكى كومپىيوتېرلار ئىچىدىكى ھەر خىل Windows 8 ئۈستەل يۈزى كومپىيوتېرلىرنى ئېلان قىلدى. ئاۋۋال بىز IdeaCenter Q190 نى كۆرۈپ باقايلى ، بۇ مەھسۇلات ئالدىنقى ئەۋلات مەھسۇلات Q180 ئىشلەتكەن Atom بىر تەرەپ قىلغۇچنى چۆرۈپ تاشلاپ خۇسۇسىيتى تىخىمۇ يۇقىرى بولغان i3 بىر تەرەپ قىلغۇچى بىلەن 8GB لىق ئىچىكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن، يالغۇز كۆك نۇر نۇر دېسكىسى قۇراشتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ مەھسۇلاتنىڭ قىلىنلىقى پەقەت 2.2cm . ئالدىن مۆلچەردە كېلەر يىلى بىرىنجى ئايدىكى Q190 يىغىندا رەسمى ئېلان قىلىندۇ، باھاسى : 349 ئامىرىكا دوللىرى.

 

Www.AnAdiyar.Cn

يالغۇز كۆك نۇر نۇر دېسكىسى قۇراشتۇرمىغان IdeaCenter Q190


شۇنىڭ بىلەن بىرگە لىيەنشاڭ شىركىتى يەنە ئاشۇ ئۈستەل يۈزى شەكىللىك كومپىيوتىرىنى ياخشى كۆردىغان ئىستىمالچىلارغا 7 خىل يىڭىC تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تىپ نۇمۇرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا C240/245、C340/345、C440/445 ۋە C540 قىلىندى. ئىچىدىكى C240/245 بولسا 18.5سۇڭلۇق تۈۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلات بولۇپ ئايرىم-ئايىرىم ھالدا ئىنتىر سەنياڭ بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن AMD E2 قوش يادرولۇق APU بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىگەن.  
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

C240/245 ئۈستەل يۈزى شەكلىدىكى كومپىيوتېر

سىلىشتۇرغاندا 20سۇڭلۇق C340/345 ، ۋە 21.5 سۇڭلۇق C440/445 شۇنداقلا C540 بەش خىل مەھسۇلاتى بولسا تىخىمۇ كۆپ تىخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارلارغا ئىگە. تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا C340/345/440/445/540 مەھسۇلاتى بولسا خاسلىققا ئىگە بولغان ئىكران يۇرۇقىلىقنى ئاپتوماتىك تەڭشەش تىخنىكىسغا ئىگە ئىكەن. بۇ تىخنىكا ئابۇنتلارنىڭ كۆزى بىلەن ئىكران ئوتتۇرسىدىكى ئارلىق ۋە ئەتراپتىكى مۇھىت نۇرلىرى ئارقىلىق ئىكرانىنىڭ يۇرۇقلىقىنى ئاپتوماتىك تەڭشىلدۇ، ھەمدە ئابۇنتلار بىلەن بولغان ئارلىقى ئىشىپ كەتكەندە ئەسكەرتىش بىرىدۇ. ئىچىكى سەپلىمە جەھەتتە C340/440/540 ئىنتىر i3 بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەتكەن، ھەمدە 2GB كۆرسىتشنى ساقلاش NVIDIA GeForce 615M مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىسى سەپلەنگەن، C345/445 ۋە C240/245 بولسا ئوخشاش بولغان AMD E2 قوش يادرولۇق APU بىر تەرەپ قىلغۇچىنى قوللانغان. ھەمدە بىر تەرەپ قىلغۇچ ئارقىلىق بىرىككەنRadeon HD رەسىم يادوروسى بولسا ئابۇنتلارنى ئەڭ ئاساسلىق بولغان PC ئويۇننى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خەۋەرلەرگە قارغاندا C240/245 يىغىندا 349ئامىرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن مۇشۇ ئايدا بازارغا چىقىدىكەن، باشقا C340/345 ، C440/445 ۋە C540 بولسا كېلەر يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىندىكەن. سىتىلىش باھاسى 449ئامىرىكا دوللىرىدىن 549 غىچە بولىدىكەن.
 

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش