رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 361 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 41 مەدەنىي ئورۇننىڭ «شەرەپ تاجى» ئېلىپ تاشلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقمەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىكقىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى 14 – فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي– مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق 41ئورۇننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن دېگەن شەرەپلىك نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،ئۇلارغا بېرىدىغان مەدەنىي ئورۇن مۇكاپاتىنى توختىتىش، شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيئورۇن تاختىسىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەم شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپاقىلىش پائالىيىتىنىڭسۈپەت ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئاساسىدا، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىلدا ۋاقتىتوشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇنلارغا ئىشىتات تەقسىملەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمى بىلەن باغلىغان، بۇنىڭ بىلەن % 10 ئورۇن ئاخىرقىسىنى شاللاش ئۇسۇلى بويىچە چېكىنىپ چىققان. چېكىنىپ چىققان ئورۇنلار كېلەر يىللىق ۋاقتى توشقان ئورۇنلارنىباھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ، ئەگەر يەنە باھالىنالمىسا، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغان ئورۇنلار قاتارىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇن بولۇشنى قايتا تالىشىدۇ. بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە باھالانغان مەدەنىي ئورۇنلارنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقمەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىكقىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۈچ يىللىق ۋاقتى توشۇپ قايتا باھالاپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. ( مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش