رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 369 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەش يىللىق نىزام تۈزۈش يىرىك پىلانىنى ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى81 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن نىزام تۈزۈش يىرىك پىلانى)1102 - يىلدىن 5102 - يىلغىچە(خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، بەش يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرىئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:نىزام چىقىرىش يىرىكپىلانىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نىزام تۈزۈش، چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق تىرىشىپ، بەش يىللىق نىزامچىقىرىش يىرىك پىلانى خىزمىتىنى ياخشى تاماملاش كېرەك.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق كۆرسەتتى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق7 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 01 - ئومۇمىي)كېڭەيتىلگەن( يىغىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ »21 -بەش يىل« پىلان تېزىسى تۈزۈپ چىقىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە بۇ يىللىق كۈرەش نىشانى، ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئاپتونوم رايوننىڭ دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىش، مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ »21 - بەش يىل«نىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. بەش يىللىق نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككەئىگە قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەن يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، مەركەز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقپارتكومنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن، قائىدىلىرىگە ماس كېلىدىغان يەرلىك نىزاملارنى تەتقىق قىلىپ، بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئۈنۈملۈك قانۇنچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، دېموكراتىك نىزامچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.(مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش