نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 112 قېتىم كۈرۈلدى
ئالما شىركىتى جۇڭگو چوڭ قامۇسى كىتابىنىڭ نەشىر ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان دەپ قارالدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -14
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى : tech.163.com

جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى چەكلىك شىركىتى ئالما شىركىتى ئۈستىدىن ھوقوققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ھەققىدە سۇنغان ئەرزى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلغاندىن كىيىن، سوت ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنى جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى چەكلىك شىركىتىگە 520 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىشكە بۇيرۇدى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئىگەللىشىچە، ئالما شىركىتى يۇقارقى ھۆكۈمنى تۆلەم سوممىسى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن دەپ، سوتقا قايتىدىن ئەرز سۇنغان ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى چەكلىك شىركىتى 2010-يىلى 10-ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ iTunes يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن،ئالما شىركىتىنىڭ كۆچمە ئەسلىھە ئەپلىرى دۇكىنى App Store ئارقىلىق، جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى شىركىتىنىڭ نەشىر ئىگىدارچىلىقىدىكى «جۇڭگو چوڭ قامۇسى» دىگەن كىتاب مەزمۇنىنى خالىغانچە كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى چەكلىك شىركىتى بۇ ئىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى نەشىر ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى دەپ قاراپ، سوتقا ئەرز سۇنغان.
بىراق، ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئاقلاش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، iTunes پەقەت ئالما شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان يۇمشاق دېتالى بولۇپ، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.
ئالما شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، دەۋاگەر تەرەپ، يەنى جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەزكۇر كىتابقا تولۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقوقى يوق بولۇپ، ئۇلار پەقەت مەزكۇر كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان ھەيئەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.بۇندىن باشقا، ئالما توردۇكىنىنىڭ قانۇنى ئىگىسىLuxembourg شىركىتى بولۇپ، ئالما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.
بىراق، ئىككىنچى سوت ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ قىلمىشىدا نەشىر ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىشى مەۋجۇت بولۇپ، ئالما شىركىتىدىن بۇ قامۇسقا بولغان تارقىتىش قىلىمىشىدىن ۋاز كىچىپ، جۇڭگو قامۇس كىتابلىرى شىركىتىگە 520 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىش كىرەكلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئەلۋەتتە، ئالما شىركىتىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئاساسى بولۇپ، ئۇلار سوت ھۆكۈمىدىن نازارىلىق ئەرزى سۇنغان. چۈنكى، ئالما شىركىتى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بىرىنچىدىن،ئالما iTunesيۇمشاق دېتالىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ تېخنىكا يىتەكچىسى ئىكەن؛ئىككىنچىدىن. سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ھۆكۈمدىكى تۆلەم سوممىسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى ئىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش