رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 430 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەكشۈرۈشتە مەسىلىسى بىرقەدەر كۆپ بولغان توققۇز ئورۇننى ئومۇمىىي ئۇقتۇر ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ 16 – فېۋرال ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم،ھۆكۈمەت بۇ يىللىق ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم ئەھۋالىنى باھالاشتا، ئاممىنىڭ ‹‹رازى بولۇش نىسبىتى›› تۆۋەن بولغان، ئومۇمىي باھالاش ۋە تۈرلەر بويىچە باھالاشتا ‹‹ياخشى›› بولۇش نىسبىتى %50كە يەتمىگەن ھەم پىكىر ئېلىشتا ئىنكاس قىلىنغانمەسىلە بىر قەدەر كۆپ بولغان توققۇز ئورۇننى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىگەن ھەم بۇ يىل مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئىستىل ئۈنۈمىنىرەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇن قىلىپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىكەن. ئۇلار:

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات – پىلانكومىتېتى ئېنېرگىيە بايلىقى باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد– ئۇچۇر كومىتېتى سانائەت رايونى باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن – بايلىق نازارىتى قۇرۇلۇشقا يەرئىشلىتىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پىلان باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇقسۇچىلىق نازارىتى سۇمەمۇرىيىتى – سۇ بايلىقى باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى تىجارەت بېجى باشقارمىسى، شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى سۈپەت باشقۇرۇش باشقارمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك سانائىتى ئىدارىسى پىلان – تەرەققىيات باشقارمىسى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ ئورۇنلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەش بىلەن بىللە، يەنە مۇناسىۋەتلىك 12 باشقارما – ئىشخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تەنبىھسۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى،ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە بىر قەدەر كۆپ بولغان ئالتە باشقارما – ئىشخانا مەسئۇللىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ چېنىقتۇرۇش ۋە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تەڭشەشنى قارار قىلدى. (مۇخبىر لى شىڭ خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش