رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 398 قېتىم كۈرۈلدى
بۇلتۇر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قەدىمى تېز بولدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قەدىمى تېز بولغان. مەركەزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغان. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكىتۈرلۈك يېزا ئىگىلىكماشىنا – سايمانلىرى1 مىليوندىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا پۇختا ئاساس سېلىنغان.

  بۇ يىل دۆلەت شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تۇنجى تۈركۈمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 590 مىليون يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن. بۇ يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئەۋزەللىككە، ئۆزگىچىلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسىنى ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، تېجەپ سۇغىرىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىپىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيتىش ئىكەن. (مۇخبىر مەدىنە تاھىر خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش