رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 486 قېتىم كۈرۈلدى
ب د ت لىۋاننىڭ دېڭىز چېگراسىنى ئايرىشىغا ياردەم بەرمەكچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -18
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيرۇت، 10 – يانۋار تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مايكېل ۋىليامىس 10 – يانۋار: لىۋاننىڭ ئۆز دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا بايقىغان ھەرقانداق تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېچىش ھوقۇقى بار، ب د ت لىۋاننىڭ دېڭىز چېگراسىنى ئايرىشىغا ياردەم بېرىدۇ، دېدى.
    ۋىليامىس شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن لىۋان پارلامېنت باشلىقى بېرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: لىۋاننىڭ ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ئاستىدىكى غايەت زور نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ھوقۇقى بار، بۇ تەبىئىي بايلىقلار يېقىن كەلگۈسىدە قېزىلىشى كېرەك.
    ۋىليامىس مۇنداق دېدى: ھازىر لىۋاننىڭ دېڭىز – ئوكيان چېگراسى تېخى بېكىتىلمىدى، يەنە كېلىپ دېڭىز – ئوكيان چېگراسىنى ئايرىش ب د ت نىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى ئىش ئەمەس. لېكىن لىۋاننىڭ چېگراسىنى ئايرىش تەلىپى بولسا، ب د ت لىۋاننىڭ بۇ نىشانغا يېتىشىگە ياردەملىشىدۇ.
    ئامېرىكا قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەر 2010 – يىلى لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى دېڭىزدىن زاپىسى ئىنتايىن زور نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ جايدىكى تەبىئىي گازنىڭ مۆلچەردىكى زاپىسى 453 مىليارد كۇب مېتىر، نېفىت زاپىسى 8 مىليارد تۇڭدىن 18 مىليارد تۇڭغىچە ئىكەن.
    لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ھازىرغا قەدەر ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز چېگراسى تېخى ئايرىلمىغان، ئىككىلا دۆلەت نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىغا قارىتا ئىگىدارلىق ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلىغان. لىۋان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەمى ئۆتكەن ھەپتىدە ب د ت باش كاتىپى بان كىمونغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ب د ت دىن مۇمكىن بولىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ‹‹لىۋاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشى››نى توسۇشنى تەلەپ قىلغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت ئۇل مۇئەسسەسەلەر مىنىستىرى ئۇز رانداۋ ئۆتكەن ئايدا: ئىسرائىلىيە مۇمكىن بولىدىغان بارلىق قورال كۈچىدىن پايدىلىنىپ، لىۋاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىغا سېلىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ، دېگەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش