نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1377 قېتىم كۈرۈلدى
ئامانگۈل سىدىق
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -12
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : .hawar.cn

2001- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۇنى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەمدىلا 24 ياشقا كىرگەن ياش ئۇسسۇلچىسى ئامانگۇل سىدىق ئۇرۇمچى نەنمىن تىياتىرخانسىدا مەمىلىكەت بويچە 2- قىتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكىدە ئېرىشكەن « سەنئەت كۆكىدىكى يېڭى چولپان » مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .
1989- يىلى ئەمدىلا 12 ياشقا كىرىگەن ئامانگۇل سىدىق شىنىجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ قەشقەرگە بېرىپ ئالغان ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۇپ ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستۇتىغا ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا كەلدى. 1992- يىلى ئامانگۇل سىدىق ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپ كەلگەندىن كىيىن، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەر، ئۇستازلار بۇ ياش نوتىنى تەربىيەلەشكە، ئوقۇش جەريانىدا ياراتقان ئاساسىنى پۇختىلىشىغا يىققىندىن ياردەمدە بولدى . ئامانگۇل سىدىقمۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەندى. نەتىجىدە ناھايتى تېزلا كۆزگە كۆرىنىشكە باشلىدى .
ئۇ 2000- يىلى « شاۋداۋ كاڭيۇ شىنجاڭ مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرى مۇكاپاتى » غا ، ئاپتۇنۇم رايۇن بويچە ئۆتكۇزگەن 3 - نۆۋەتلىك يالغۇز، قوش كىشلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسدە 1- دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ، 2000 - يىلى 11- ئايدا ، چوڭچىڭدا ئۆتكۇزۇلگەن 10- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر « توز مۇكاپاتى » ئۇسسۇل مۇسابىقىسدە « رومال ئارتقان قىز ئۇسسۇلى » نى ئۇيناپ 1- دەرىجىلىك ئورۇنداش ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ، 2001- يىلى چاۋشىيەندە ئۆتكۇزۇلگەن « ئاپرىل باھارى » سەنئەت فىستىۋالىدا « پوتا ئۇسسۇلى » نى ئويناپ ئورۇنداش كۇمۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
ئۇندىن باشقا ئامانگۇل سىدىق « قەبىرىگە تۆكۇلگەن ياش» ، « كۆزۇمدە لىق ياش »، « بەخىت ئۇنتۇلمايدۇ » قاتارلىق مەمىلىكەت ئىچى ۋە شىنجاڭدا ئىشلەنگەن نۇرغۇنلىغان تېلۋىزىيە تىياتىرلىردا رول ئېلىپ ، تالانتىنى نامايەن قىلىدى .
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:باراك ئوباما

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش