رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 330 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىدا 3 مىليون 570 مىڭدىن كۆپرەك كىشى «يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغ ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: 2010 – يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدا تۇنجى تۈركۈمدە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 56 ناھىيە(شەھەر)دىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك 4 مىليون 235مىڭ 600 كىشىدىن 3 مىليون 579 مىڭ 300 كىشى (شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى)نىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلىقى ئېنىقلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ %85 ىنى ئىگىلىگەن، سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولغان كىشى 580 مىڭ 300گە، سۇغۇرتا پۇلىنىڭ بېرىلىش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدا 2009– يىل 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى يېزا يېڭىچەھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدىكى 13 ناھىيە (شەھەر) مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق قىلىنىدىغان ناھىيەلەر قاتارىغا كىرگەنىدى. بۇ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىز تەۋەسىدە يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، 1 مىليون 730 مىڭ دېھقان – چارۋىچى تۇنجى تۈركۈمدىكى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

  دۆلەت 2010 – يىلى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسىنى %23 ناھىيە(شەھەر)گە كېڭەيتكەندىن كېيىن، ئادەم كۈچىبايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزنىڭشۇ يىلى 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت،ئىككى ئوبلاستتىكى بارلىق ناھىيە (شەھەر)لەر ۋە باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ چېگرا بويىدىكى ناھىيەلىرى، نامرات ناھىيەلىرىنى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كېڭەيتىش سىناق دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىنى قوللىغان. بۇنىڭ بىلەن كېڭەيتىلگەنسىناق نۇقتا ناھىيە(شەھەر)سى 43 كە يېتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدىكى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ %45.7 ىنى ئىگىلىگەن.شۇ قېتىمقى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىناق نۇقتىسى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدا يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى كېڭەيتىش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە (شەھەر)56 گە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچىبايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزنىڭتۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتىسى ۋە كېڭەيتىلگەن سىناق نۇقتىسىئاساسىدا، 2011 – يىلى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى قوللاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىىمىزدىكى 12 مىليون 860 مىڭ يېزا نوپۇسىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىكەن. (مۇخبىر لى مىڭيەن خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش