رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 436 قېتىم كۈرۈلدى
بۇلتۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆرۈلگەن ئون چوڭ ھاۋارايى ھادىسىسى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

1. شىمالىي شىنجاڭدا 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك قار ئاپىتى بولدى. 2009 –يىلى 12 – ئايدىن 2010 – يىلى 2 – ئايغىچە شىمالىي شىنجاڭدا كۆپ قېتىم سوغۇق ۋە قېلىن قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، قىشتىكى ھۆل– يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن1.5 ھەسسە كۆپ بولۇپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىللەردىكى ئېكسترېموملۇق قىممەتنى بۇزۇپ تاشلىدى؛ بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارداھۆل – يېغىن مىقدارى80 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كەتتى. ئالتاي، غۇلجا، شىخو قاتارلىق جايلاردىكى 13 پونكىتتا ئۆلچەنگەن قارنىڭ قېلىنلىقى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىللەردىكى ئېكسترېموملۇق قىممەتنى بۇزۇپ تاشلىدى، پەۋقۇلئاددە كۈلتۈك قار چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىركۆرسەتتى.

  2. جەنۇبىي شىنجاڭدا يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى تارىختىكى ئېكسترېموملۇق قىممەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. 2010 – يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدىكى ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىنمىقدارى 92.9 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىلگىرىكىدىن توققۇز ھەسسە كۆپ بولدى، ھۆل – يېغىنمىقدارىنىڭ ئېشىش ئامپىلىتۇدىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقتى. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۆت پەسىلدە ھۆل –يېغىن مىقدارى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيدى، ياز ۋە كۈزدىكى كۆپىيىشى نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك بولدى، يازدا تۆت ھەسسە، كۈزدە ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى.

  3. شىمالىي شىنجاڭدا قىش، ئەتىيازدا كەم ئۇچرايدىغانقار ئېرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا، ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىدا قىشتاكۈلتۈك قارلار پەۋقۇلئاددە قېلىنلاشتى، قىش، ئەتىيادا كۆپ قېتىم باسقۇچلۇق تېمپېراتۇرا ئۆرلىدى، بۇ مەزگىلدە قار – يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆپلەپ كۆرۈلدى. بۇ تارباغاتايۋىلايىتىنىڭ شىمالىيقىسمىدا، ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم قار ئېرىش خاراكتېرلىك ئارىلاشما كەلكۈن پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 4.2گىرادۇسقا يەتتى. 3 –ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تارباغاتاينىڭ دۆربىلجىن ئويمانلىقىدا يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيانقى كەم ئۇچرايدىغانقار ئېرىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.

  4. 7 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا قارا يامغۇر ياغدى. 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا قارا يامغۇرلۇقھاۋارايى كۆرۈلۈپ، كەڭ كۆلەملىك تاشقىن پەيدا قىلدى.

  5. شىمالىي شىنجاڭدا ئەتىيازنىڭ كىرىشى كېيىن بولدى، تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ كۆرۈنەرلىك كېيىنگە سۈرۈلدى. شىمالىي شىنجاڭدىكى كۈلتۈك قارلارنىڭ قېلىنلىشى ھەم شىمالىي شىنجاڭدا ئەتىيازنىڭ كېيىن كىرىشى نەتىجىسىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 1022 كۈن كېيىنگە سۈرۈلدى. تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدىكى رايونلارنىڭ 4 – ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى بىرگىرادۇستىن ئۈچ گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولدى،كۈلتۈك قارلارنىڭ ئېرىشى ئاستا ھەم دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكىتۇپراقنىڭ نەملىكى زىيادە يۇقىرى بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنى كۆرۈنەرلىك كېيىنگە سۈردى، بۇ شىمالىي شىنجاڭدىكى كېۋەز، شوخلا قاتارلىق ئىسسىققا مايىل زىرائەتلەرنى تېرىش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.

  6. 23 – ئاپرېل تۇرپاندا قارا بوران چىقتى. 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە تۇرپان ۋىلايىتى قارابوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، بوراننىڭ دەرىجىسى شەھەر ئەتراپى ۋە يېزىلاردا ئون بالدىن، بوران ئېغىزلىرىدا 12 بالدىن ئېشىپ كەتتى. قارا بوران، چاڭ – توزانلىق ھاۋارايىنىڭ ئۇدا داۋاملىشىشۋاقتى 16 سائەتتىن ئېشىپ كەتتى، ئۇدا داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇشى تۇرپان شەھىرىدە مېتېئورولوگىيەخاتىرىسى قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى يېڭى سەھىپە بولدى. بۇ قارا بوران شەھەرنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى، يېزىلاردىكى پارنىكلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى.

  7. ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭدا جۇدۇن بولدى. 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن 17 – كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، يامغۇر يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى،قىسمەن رايونلاردا قىروۋلۇق ئۈششۈك، بوران، مۆلدۈرلۈك ھاۋارايى كۆرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم بوران ۋە چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، شىنجاڭدىكى 56 مېتېئورولوگىيە پونكىتىدىكى ئۆلچەنگەن كۈنلۈك ئەڭ تۆۋەنتېمپېراتۇرا يېقىنقىئون يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېكسترېموملۇق قىممەتنىبۇزۇپ تاشلىدى. ئۈرۈمچى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ئارىلاشقار ياكى قارلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. شۇنىڭبىلەن بىللە، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئىسسىققا مايىل زىرائەت مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەسىرگە ئۇچرىدى.

  8. 6 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىق دولقۇنكۆرۈلدى. 6 – ئاينىڭئاخىرىلىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدا ئاز كۆرۈلىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىدا ئېكسترېموملۇق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 35 گىرادۇستىن 38.8گىرادۇسقا، تەڭرىتاغئەتراپلىرىدىكى رايونلاردا 36 گىرادۇستىن40 گىرادۇسقا، تۇرپان ۋىلايىتىدە 42.5 گىرادۇستىن 48 گىرادۇسقىچە بولدى.

  9. 11 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قويۇق تۇمان ئۈرۈمچىنىقاپلىدى. 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە شىخودىن فۇكاڭغىچە بولغان شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغئەتراپلىرىدىكى رايونلاردا چوڭ تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، قىسمەن رايونلاردا كۆرۈنۈش دەرىجىسى 200 مېتىردىن كىچىك بولدى، ئۇنىڭ ئىچىدە 27 – نويابىردىن 30 – نويابىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە چوڭ تۇمان كۆرۈلدى،كۆرۈنۈش دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولدى، قويۇق تۇمان ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى.

  10. 12 – مارت خوتەندەقارا بوران چىقتى. 3– ئاينىڭ 12 – كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدە ئالاھىدە قارا بوران چىقتى، قۇم بوران غەربتىن شەرققە بولغان يۆنىلىشتە ناھىيە (شەھەر)لەرگە ھۇجۇم قىلدى، ئەڭ تۆۋەن كۆرۈنۈش دەرىجىسى 20 مېتىرغىمۇ يەتمىدى، قىسمەن رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن كۆرۈنۈش دەرىجىسى نۆلگە چۈشۈپ قالدى، بۇ قېتىمقى قۇم بوران كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، تەسىر دائىرىسىچوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. (ئابدۇكېرىم ئابباس تەييارلىغان)
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش