رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 426 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مىليارد500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، توك يەتكۈزۈلمىگەن جايلاردىكى 20 مىڭ ئائىلىلىكتىن كۆپرەك دېھقان–چارۋىچىنىڭ توك ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

 «بەيياڭخې»توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئەمدىلا چۆچەك شەھىرىگە قايتىپكەلگەن خەن ۋېي 12 –فېۋرال ئالاقىدار ئۈسكۈنە، ئەشيالارنى توشۇش خىزمىتى بىلەن يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خەن ۋېي چۆچەك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى. بۇلتۇر 19 – دېكابىر قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغاندىن بۇيان،‹‹بەيياڭخې››رايونىغا بالدۇرراق توك يەتكۈزۈشئۇ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ‹‹ھازىرقى سۈرئەت بويىچە ھېسابلىغاندا،5 – ئاينىڭ ئاخىرىدابۇ رايوندىكى 1679 ئائىلىدىكى 7763 دېھقان – چارۋىچى توك ئىشلىتەلەيدۇ›› دېدى ئۇ.

  27 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان «بەيياڭخې»رايونىدىكى توك يەتكۈزۈلمىگەن جايلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى بۇ يىل تاماملايدىغانخەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «خەلقنى بېيىتىش – ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇلۇشى»، «چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ،چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى.

  يېزا ئېلېكتىر تورى يېزىلارنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھەسى بولۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزىلارنىگۈللەندۈرۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دېھقان – چارۋىچىلار تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، بولۇپمۇمەركەزنىڭ ‹‹ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلەشتىكى زىددىيەت گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاجىز، ئەسلىھەسى كونا، توك بىلەن تەمىنلەش تۇراقسىز بولغاچقا، توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن، يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى.

  «بەيياڭخې»رايونىدىكى توك يەتكۈزۈلمىگەن جايلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى بۇ يىل يولغا قويغان 395 يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ بىرى. شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى يېزا ئېلېكتىر خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ئەخمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىشيېڭى قۇرۇلۇش پىلانىبويىچە، «12 – بەش يىل» نىڭ تۇنجى يىلىدا شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى 2مىليارد 527 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئېلېكتىر تورى ئاجىز بولۇش ۋە توك يەتكۈزۈلمىگەن جايلاردىكىلەر توكئىشلىتىشتە قىينىلىشمەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەنتەمىنلەش سۈپىتى ۋە تۇراقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزائىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋە يېزا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك، تۇراقلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، «12 – بەش يىل» دا، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شىركىتى ھەر يىلىتەخمىنەن 10 مىليارديۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى(ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نى يولغا قويۇپ،غول ئېلېكتىر تورى، يېزا ئېلېكتىر تورىنىئۆزگەرتىش، شەھەر ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، چوڭ تۈرلەر ۋە يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا ئىش باشلايدىكەن. (مۇخبىر جۇڭ شيۇلىڭ خەۋىرى)
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش