رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 402 قېتىم كۈرۈلدى
ئەركىن ئىمىرباقى: ئۆزگەرتىش ، ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە « ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كادىرلار ئىستىلىدىكى ناچار كەيپىياتنى قەتئىي تۈزىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلدى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىدەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىئىشلەش ئۈچۈن، ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى– خىزمەتچىلەر ئىدىيە، خىزمەت ئۆلچىمى، روھىي ھالەت جەھەتتە ئۆزىگە ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلىشىپ، پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىئورگىنىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى:خەلق قۇرۇلتىيى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئومۇمىيلىقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزىگە خاس ئۈستۈنلۈك ۋە رولغا ئىگە. كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ تەرەققىيات،چوڭ ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ،ئومۇملۇقنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، خەلققۇرۇلتىيىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە رولىنى تولۇقجارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلقى خىزمەت ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم،قاتتىق تەلەپ بويىچەسان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇنداش كېرەك. نۆۋەتتە، خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەپسىلىي ئايرىپ، ‹‹ھۆكۈمەت ۋە ئىككىمەھكىمە››، شۇنىڭدەكباشقا ئالاقىدار تارماقلار بىلەن خىزمەتنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىبىۋاسىتە تۇتۇشى، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشى، زېھنىنى ھەقىقىي تۈردەخىزمەتكە قارىتىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نىتۈرتكە قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، جاسارەت بىلەن كۈچەپ ئىشلەيدىغان روھىي ھالەت ئارقىلىق، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈپ، ۋەزىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا روھىي ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش قارىشى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق، خىزمەت ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەر ھېلىھەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ساقلانماقتا. ‹‹ھۇرۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، ئېزىلەڭگۈلۈك، سۆرەلمىلىك، بىر – بىرىگە ئىتتىرىش›› قاتارلىق ناچار ئەھۋاللار يەنىلامەۋجۇت. ئورگانشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە دائىمىيكومىتېت ئورگىنىغا ماس كېلىدىغان ئۈنۈمنىباھالاش ئۇسۇلى ۋە ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ساقلانغان ناچار ئىستىللارغا قارىتا كەسكىن تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلمىگەن، خىزمەت سەۋىيەسى،خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنكادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تەشكىلىيجەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، ما مىڭچىڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىملار يىغىنغا قاتناشتى. (مۇخبىر مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى)

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش