رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 240 قېتىم كۈرۈلدى
خان مادرىد بىلەن مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى 16 ياشلىق مېسسىنى تالىشىۋېتىپتۇ
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -07
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

سىنا تەنتەربىيەسى: بۇ يىل يازدا بىرنەچچىدىن يېڭى توپچىلارنى سېتىۋالغان خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى گەرچە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يېڭى توپچى سېتىۋېلىش ئىشىنى بىرياققا قايرىپ قويمىدى. يېقىنقى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى بىلەن خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى دىنامو كوماندىسىدىكى ياش، ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدانچى خالىلوۋىچنى تالىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن خالىلوۋىچ ئالدىنقى ھەپتىدە كوماندىغا ۋاكالىتەن بىرلەشمىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى. ئۇ ھازىر كىرودىيەدىكى يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىقتىدارلىق توپچى دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇنىڭ توپ تېپىش ئۇسۇلى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى مېسسى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىكەن. «ئاسمان تەنتەربىيەسى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى ۋە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى خالىلوۋىچنى سېتىۋالماقچى بولىۋېتىپتۇ. يېقىندا خالىلوۋىچ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدە :«دۇنيادا پەقەت بىرلا مېسسى بار، مەن ئۇنىڭغا چوقىنىمەن، ئۇ نۇرغۇنلىغان توپچىلار چوقىنىدىغان چولپان، مەن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان-ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ياكى مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبىغا بېرىش؟ مەن بۇ خەۋەرلەرگە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن، دىنامو كۇلۇبى مېنىڭ كەلگۈسىمنى بەلگىلەيدۇ، مەن ھازىر پەقەت ئۆزەمنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىلا ئويلايمەن» دېگەن.
 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش