رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 406 قېتىم كۈرۈلدى
ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا خەلقنىڭ رايىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىك پۇقرالارنىڭ بەختى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

2010 – يىلى، جامائەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنىھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئۆلچىمىدە %60 سالماقنى ئىگىلىدى، بۇ ئۇسۇلدا خەلقنىڭ رايى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى نامايان قىلىندى، بۇ پۇقرالارنىڭ بەختى.

  جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى يولغا قويۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىجتىمائىي ئامانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭتۈپ يولى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ جايىدا ئىشلەنگەن –ئىشلەنمىگەنلىكى، بىر جاينىڭ ئامانلىق ئەھۋالىنىڭ ياخشى – ياخشى ئەمەسلىكى، ج خ ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ قانۇنبويىچە ئىش بېجىرگەن– بېجىرمىگەنلىكى، قانۇننى مەدەنىي ئىجراقىلغان – قىلمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە پۇقرالار پىكىر بايان قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق.

  پۇقرالار كۆڭلىدىكىنى سۆزلىگەندىلا، قىسمەن جايلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىش، يۈزەكى ئىشلەشتەك ناچار خاھىشلارنى ئۈنۈملۈك توسۇغىلى بولىدۇ. ئەگەرپۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل، ج خ ئىدارىسى، تەپتىشمەھكىمىسى ۋە ئەدلىيە ئىدارىسىدىكىلەرگە بەرگەن باھاسى تۆۋەن بولىدىكەن، تۈرلۈك قاتتىق كۆرسەتكۈچلۈك سانلىق مەلۇماتلار قانچە ياخشى، يېزىق ماتېرىياللىرى قانچە قالتىس، يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەر قانچە تەسىرلىكبولغىنى بىلەنمۇ، ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ.

  خەلق جەمئىيەتئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئوبيېكىت، شۇنداقلا ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى يولغا قويىدىغان ۋە ئۇنىڭدا تايىنىدىغان ئوبيېكت. خەلق رايىنى توپلىغاندا ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ باھالاشقاتەتبىقلىغاندا جايلارنىڭ ھەقىقىي ئامانلىقىنى ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن ھەقىقىي مەنپەئەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە،ئاممىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى چۈشىنىش، ئۇنىڭغا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئامانلىققا ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى پائال قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  خەلق رايىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى نازارەتچىلىك ۋاسىتىسى قىلىپ، جايلارنىڭ خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى، قانۇننىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى كۈچەپ قوغداپ، پۇقرالارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىشنىڭ ئۆزى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش