رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 364 قېتىم كۈرۈلدى
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۇلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ ..
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۇلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىيىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2005 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۇلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە ئۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلار ئۈنۈمنىتەپتىش قىلىش ئارقىلىق، 1686 ئۆزگەرتىش پىكرى ۋە تەكلىپى بېرىپ، كارخانىلارنى زىياندىن ساقلىغان ھەم كارخانىلارنىڭ 252 مىليون يۈەن مەبلىغىنى تېجەپ بەرگەن.

  2005 – يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۇلكىنىنازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ ئەنزىدىن 158 نى دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، 219كىشىگە پارتىيە ئىچىدە چارە كۆرگەن، 39 كىشىنى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، 33 مىليون 751 مىڭ 300 يۈەن ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدائىمىي كومىتېتىنىڭئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇقدۆلەت مۇلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى كۈرەش مەخسۇت يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:بۇ يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قەتئىي قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.( لى خۇي خەۋىرى)

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش