رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 445 قېتىم كۈرۈلدى
ئوباما تۈركىيەنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -04
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-چىسلادىكى تېلېگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا 3-چىسلا تۈركىيىنىڭ سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىن ئېتىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈركىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى لىتىر ئېلىكتىرونلۇق يوللانمىسىدا:«ئامېرىكا مۇستەھكەم ئىتتىپاقدىشى تۈركىيەدىكى زىيانغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن قايغۇرىدۇ، ھەمدە داۋاملىق ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: دۆلەت كاتىپى ھىلارى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ بىلەن تېلىفونلاشتى ھەمدە تۈركىيىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا ۋەدە بەردى دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت كاتىپىنىڭ باياناتچىسى نيۇلەن:«ھىلارى ئامېرىكىنىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقداش دۆلىتى بولغان تۈركىيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاشقا، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا تۈركىيە تەرەپتە تۇرۇشقا ۋەدە بەردى» دېدى.
ھىلارى بۇنىڭدىن بۇرۇن، سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چېگرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت «ناھايىتى خەتەرلىك»، سۈرىيىنىڭ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىگە زەمبىرەك ئوقى ئاتقانلىقىدەك ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز دېگەن، ئىدى.
شۇ كۈنى، نەچچە تال زەمبىرەك ئوقى سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىن ئېتىلىپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۇرفا ئۆلكىسىنىڭ ئاقچا قەلئە ناھىيىسىگە چۈشۈپ پارتلاپ، بىر ئانا بىلەن ئۇنىڭ تۆت ئوغلىنى ھاياتىدىن ئايرىغان، 10 چە ئادەم يارىلانغان. تۈركىيە شۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش