رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 429 قېتىم كۈرۈلدى
شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايلاردا داۋالىنىش چارىسىنى ئېلان قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-02 -24
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :

ئاپتونوم رايونلۇقئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە باشقا جايلاردا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمەت خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە باشقا جايلارغا ماكانلاشقان پېنسىيەگە چىققانلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ باشقا جايلاردىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، باشقا جايلاردا داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار قىسقا مۇددەتلىك كاماندىروپكا، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ياكى ساياھەت قىلىش مەزگىلىدە، باشقا جايدا كېسەل بولۇپ قېلىپ جىددىي داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، سەرپ قىلغان داۋالىنىش خىراجىتىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي ئۆز جايىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاقتىدا ئاتچوت قىلىپ بېرىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوتقىلىش سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي تەكشۈرۈپ دەلىللەشۋە داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. شارائىتى بار رايونلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، داۋالانغان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتىئارقىلىق دەللىللەپ راسچوت قىلىدۇ.

  پېنسىيەگە چىقىپ باشقا جايلاردا ئۇزاق مەزگىل ئولتۇراقلاشقانلار ۋە باشقا جايلاردا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىدىغانلار ئولتۇراقلاشقان جاي ياكى خىزمەت قىلغان جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بېكىتكەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى دائىرىسىگە تەۋە ئۈچتىن – بەشكىچە داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ داۋالانسا بولىدۇ، ئۇلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جاينىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتى ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش پىرىنسىپى بويىچە، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئالاقىدار خىراجەتماتېرىيالىنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش، تور بانكىسى ئارقىلىق تۆلەش، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلارداۋاكالىتەن بېجىرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، داۋالانغان جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرىنى بېجىرىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ، ۋاكالىتەن تۆلەپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەنچېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، نوپۇس تەۋەلىكىگە قاراپ باشقا جايلارغائورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ داۋالىنىش راسچوت ئۇسۇلىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاي ئورۇنلاشتۇرغان جاي بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىپ،مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. (جاڭ شىنيۈ خەۋىرى)

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش