رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىقتىساد >> يازما كۈرۈش >> 45 قېتىم كۈرۈلدى
جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ قالماقتا
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -04
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى، دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسىنىڭ تۈنۈگۈن بايان ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى تەڭپۇڭلىشىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپتۇ، كەلگۈسىدە جۇڭگو نورمال تۈرلەردىكى ئاكتىپ بالانس پەرقى، كاپىتال تۈرلىرىدىكى پاسسىپ بالانس پەرقى قاتارلىقلارنى نورماللاشتۇرۇپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئەھۋالى بۇيىچە ئىش كۆرىدىكەن ۋە بۇ خىل ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىكەن.
2012-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگونىڭ نورمال تۈرلەردىكى ئاكتىپ بالانس پەرقى 77 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، كاپىتال ۋە پۇل-مۇئامىلە تۈرلىرىدىكى ئاكتىپ بالانس پەرقى 14 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ۋە ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %12 ۋە %92 تۆۋەنلەپ كەتكەن. بىرىنچى پەسىللىك كاپىتال ۋە پۇل-مۇئامىلە تۈرىدە 2011-يىلى 4-پەسىلدىن باشلاپ 29 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پاسسىپ بالانس شەكىللەنگەن ۋە بۇ خىل ھالەت كېيىنچە 56 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئايلانغان، 2-پەسىلدىكى قايتا شەكىللەنگەن ئاقما مەبلەغ ئومۇمى قىممىتى 41 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
«2012-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق جۇڭگونىڭ كىرىم-چىقىم دوكلاتى» دا دېيىلىشىچە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئاكتىپ بالانسىنىڭ كېمىيىشى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللار دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭلىشىشىگە ماس كېلىدىكەن، ۋە تاشقى ئىقتىسادقا بولغان تەڭپۇڭلۇققا پايدىلىق ئىكەن. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەمدە تاشقى پېرېۋوتقا كاشىلا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئازىيىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ نورمال تۈرلەردىكى ئاكتىپ بالانس پەرقى، كاپىتال پاسسىپ بالانس پەرقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا ئوتتۇرىغا قويغان كىرىم-چىقىم ئەھۋالغا ماس كېلىپتۇ، ھەمدە خەلقنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپتۇ. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، كېيىنكى يېرىم يىلدا جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىمى تەڭپۇڭلىشىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىپتۇ، كەلگۈسىدە جۇڭگو نورمال تۈرلەردىكى ئاكتىپ بالانس پەرقى، كاپىتال تۈرلىرىدىكى پاسسىپ بالانس پەرقى قاتارلىقلارنى نورماللاشتۇرۇپ، خەلقئارا كىرىم-چىقىم ئەھۋالى بۇيىچە ئىش كۆرىدىكەن ۋە بۇ خىل ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىكەن.
 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش